Biz qandaq qilip etini koreleydighan eqilliq millet bolimiz?
Buning dunya tarixi bilen, jumlidin oz tarixmizgha munasiwetlik bolghan Eserlerni choqum oqushimiz bilen qandaq munasiviti bar?
Insanning nurghun yahxshi korudighan nersisi bolidu, bizning yaxshi korushimiz ehtiyajimizdin, nimige qimmet berip nimige qimmet bemeydighinimizdin kelidu. Undaqta Uyghurlar hazır nimige eng kop qimmet beridu? Koz aldingizgha ozingiz eng qimmet beridighan birnersining sheklini, tutqili kogili bolidighan sheklini derhal kelturelemsiz? U bir hiyali tesewwur bomay emilieytte bar bolghan bir jisim bolsun. Siler nimilerni kelturdingla bilmeymen, inkasqa yezip qoysangla hosh bolimen. Emma men qelem bilen koseyni kodum. Chunki bu biz eng soyudighan nerse. Emma soydum depla koturup yursingiz netijisi chiqmisa, yaki netijisi tiragediye chiqsa u soyguning hich bir ehmiyiti bomaydu. Qelem bilen koseyni soyumiz, chunki u bizde kemchil boluwatqan yoq boluwatqanliqtin erishelmiginimiz uchun soygen nerse emes belki bizde uni koturup yurgudek qabiliyetning yoqlughidin, erishelmigenligimiz uchun soygen nerse. Chunki insan ozide yoq bolghan yaki ayrilip qelishtin qoqqan nersini soyudu. emma biz uni qanchilik ishliteleymiz? ishlitish digen bu soz chiqqanda urush digen bu sozmu quluqimizgha bille anglinidu elwette. Undaqta urush digen nime? Bizde koseyning heqqini begudek hazirliq qabiliyet bamu? Napalionning tovendiki sozliri esimge keliwatidu: ” taktika, qoral ishlitish, engeenerliq, pen texnika digenlerni geometriye ugen’gendek ugengili bolidu. Lekin urush qilish bilimi yaki strategiyeni, tarixni ugenmey turup, meshhur general we strategiyechilerni ugenmey turup, biwaste tejirbe yetishturmey turup ugunuwalghili bomaydu. Chunki uning formulasi, qelipi, olchimi yoq. Hemme nerse generalning strategiyechining xarakteri ajizlighi we artuqchiliqigha, bilimi we qabiliyitige bolupmu uning eqlige baghliq, shundaqla qoralliq urushlarda eskerning tebiiti, qoral texnikisining nochilighi, pesil we yene minglighan bashqa sharaitlarghimu baghliq…” dimek bizde biz yaxshi korudighan kosey bolsila bomaydu. Biz yaxshi korudighan qelem bolsila bomaydu. Kosiyim ba dep tangilditip atqili qelimim ba dep xeverlerdin ugunuwalghan nersilerge terjimilerni arilashturup yeziwergili we buningliq bilen melum nuqtida qarar bergili, siyasiyon boliwalghili, teghdirimizning nime bolushidin soz achqili ve plan tuzgili bomaydu. Chunki Urush digen emiliyette Clausewitz digendek ” dushmenni qandaq qilip bizning digen yerimizge ekilish yaki qandaq qilip bizning qilghuzmaqchi bolghan ishimizni qilghuzush” bu digenlik yalghuz kosey kotersila yaki tatildaq atsila urush bomaydu digenlik. Qelem bolsila urush xeritisini sizip ketkili bomaydu milletke urush xeritisi sizip bereleydighanlarda tarixi tejirbe bolush kerek, bu tarixni ugunush bilen kelidu, ularning arzusi sizmaqchi bolghan pilan yaki xeritige hokumranliq qiliwalmaslighi kerek, bundaq bolghanda ilmiy oylighili bomaydu, hissiyat eqilni yengip ketidighan ish chiqidu. Yene ularda tuyalaydighan, yiraqni koreleydighan visionsi bolushi kerek. Bu visionning bir qismini tarxni ugunush arqiliq yetildurgili bolidu, chunki Allahtan bashqa hichkim kelgusini korelmeydu, biz peqet perezge tayinimiz. Emma tarixi tejirbilerge tayinip turup etini perez qilish elwette tunugunimizni hich bilmey turup etini korushtin ishenchilik bolidu. Shunga gepning qisqisi, kelgusimizni korelelydighan eqilliq millet bolayli disek, aldi bilen tarx ugineyli.
بىز قانداق قىلىپ ئەتىنى كۆرەلەيدىغان ئەقىللىق مىللەت بولىمىز ؟
بۇنىڭ دۇنيا تارىخى بىلەن جۈملىدىن ئۆز تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغا ئەسەرلەرنى چوقۇم ئوقۇشىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ئىنساننىڭ نۇرغۇن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ .بىزنىڭ ياخشى كۆرىشىمىز ئېھتىياجىمىزدىن ،نېمىگە قىممەت بېرىپ نېمىگە قىممەت بەرمەيدىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ .ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار زادى نىمىگە ئەڭ كۆپ قىممەت بىرىدۇ ؟
كۆز ئالدىڭىزغا ئۆزىڭىز ئەڭ قىممەت بىرىدىغان بىر نەرسىنىڭ شەكلىنى ،تۇتقىلى ،كۆرگىلى بولىدىغان شەكىلنى دەرھال كەلتۈرەلەمسىز ؟
ئۇ بىر خىيالىي تەسەۋۋۇر بولـماي ئەمەلىيەتتە بار بولغان بىر جىسىم بولسۇن . سىلەر نىمىلەرنى كەلتۈردۈڭلار بىلـمەيمەن .ئەمما مەن قەلەم بىلەن كۆسەينى كۆردۈم .چۈنكى بۇ بىز ئەڭ سۆيىدىغان نەرسە .ئەمما سۆيدۈم دەپلا كۆتۈرۈپ يۈرسىڭىز نەتىجىسى چىقمىسا ياكى تىراگىدىيە چىقسا ئۇ سۆيگۈنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى بولـمايدۇ .قەلەم بىلەن كۆسەينى سۆيىمىز . چۈنكى ئۇ بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان، يوق بولۇۋاتقانلىقتىن ئېرىشەلـمىگىنىمىز ئۈچۈن سۆيگەن نەرسە ئەمەس ، بەلكى بىزدە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك قابىلىيەتنىڭ يوقلۇقىدىن ئېرىشەلـمىگىنىمىز ئۈچۈن سۆيگەن نەرسە . چۈنكى ئىنسان بەزىدە يوق بولغان ، ئەمما ئايرىلىپ قىلىشتىن قورققان نەرسىنى سۆيىدۇ . ئەمما بىز ئۇنى قانچىلىك ئىشلىتەلەيمىز ؟
«ئىشلىتىش »دىگەن بۇ سۆز چىققاندا «ئۇرۇش »دىگەن سۆزمۇ قۇلۇقىمىزغا بىللە ئاڭلىنىدۇ ئەلۋەتتە .
ئۇنداقتا ئۇرۇش دىگەن نېمە ؟ بىزدە كۆسەينىڭ ھەققىنى بەرگۈدەك ھازىرلىق قابىلىيەت بارمۇ ؟
ناپالىئوننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ .«تاكتىكا ،قورال ئىشلىتىش ، ئىنژىنىرلىق ،پەن-تېخنىكا دىگەنلەرنى گېئومىتىرىيە ئۆگەنگەندەك ئۆگەنگىلى بولىدۇ . لېكىن ئۇرۇش قىلىش بىلىمى ياكى ھەربىي ئىستراتېگىيىنى ، تارىخنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، مەشھۇر گېنىرال ۋە ئىستىراتىگىيىچىلەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ،بىۋاستە ئەمەلىي تەجرىبە يېتىشتۈرمەي تۇرۇپ ئۆگىنىۋالغىلى بولـمايدۇ چۈنكى ئۇنىڭ فورمۇلاسى ،قېلىپى ،ئۆلچىمى يوق .ھەممە نەرسە گېنىرالنىڭ ، ھەربىي ئىستراتىگىيىچىنىڭ خارەكتېرى ،ئاجىزلىقى
ۋە ئارتۇقچىلىقىغا ،بىلىمى ۋە قابىلىيىتىگە ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەقلىگە باغلىق .شۇنداقلا قوراللىق ئۇرۇشلاردا ئەسكەرنىڭ تەبىئىي قورال تېخنىكىسىنىڭ نوچىلىقى ،پەسىل ۋە يەنە مىڭلىغان باشقا شارائىتلارغىمۇ باغلىق .دىمەك ، بىزدە ياخشى كۆرىدىغان كۆسەي بولسىلا بولـمايدۇ .بىزدە ياخشى كۆرىدىغان قەلەم بولسىلا بولـمايدۇ .كۆيىسىم با دەپ تاتىلدىتىپ ئاتقىلى ،قەلـىمىم با دەپ ،خەۋەرلەردىن ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەرگە تەرجىمىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ يېزىۋەرگىلى ۋە بۇنىڭ بىلەن مەلۇم نۇقتىدا قارار بەرگىلى ، بىردىنلا سىياسىيون بولۇۋالغىلى ،تەقدىرىمىز ئۈستىدە سۆز ئاچقىلى ۋە پىلان تۈزگىلى بولـمايدۇ .چۈنكى ئۇرۇش دىگەن ئەمىليەتتە كىلاسۋىتس دىگەندەك «دۈشمەننى قانداق قىلىپ بىزنىڭ دىگەن يېرىمىزگە ئەكىلىش ياكى قانداق قىلىپ بىزنىڭ قىلغۇزماقچى بولغان ئىشىمىزنى قىلغۇزۇش ». بۇ دىگەنلىك يالغۇز كۆسەي كۆتەرسىلا ياكى تاتىلدىتىپ ئاتسىلا ئۇرۇش بولـمايدۇ دىگەنلىك .
قەلەم بولسىلا ئۇرۇش خەرىتىسىنى سىزىپ كەتكىلى بولـمايدۇ .مىللەتكە ئۇرۇش خەرىتىسىنى سىزىپ بىرەلەيدىغانلاردا تارىخىي تەجىرىبە بولىشى كېرەك .بۇ تارىخنى ئۆگىنىش بىلەن كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى سىزماقچى بولغان پىلان ياكى خەرىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋالـماسلىقى كېرەك .بۇنداق بولغاندا ئىلـمىي ئويلىغىلى بولـمايدۇ .ھېسسىيات ئەقىلنى يېڭىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ .يەنە ئۇلاردا تۇيالايدىغان ،يىراقنى كۆرەلەيدىغان ۋاسيىيونىسيى بولىشى كېرەك .بۇ ۋايسىيوننىڭ بىر قىسمى تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كەلگۈسىنى كۆرەلـمەيدۇ .بىز پەقەت پەرەزگە تايىنىمىز .ئەمما تارىخىي تەجىرىبىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئەتىنى پەرەز قىلىش ئەلۋەتتە تۈنۈگۈنىمىزنى ھېچ بىلـمەي تۇرۇپ ئەتىنى كۆرۈشتىن ئىشەنچىلىك بولىدۇ .شۇڭا گەپنىڭ قىسقىسى كەلگۈسىمىزنى كۆرەلەيدىغان ئەقىللىق مىللەت بولايلى دىسەك ئالدى بىلەن تارىخ ئۆگىنەيلى
رۇقىيە تۇردۇش .