كۆك پاسپورت ئارزۇسى
باش سۆز
بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى 2015 – يىلى 11 – ئايدا يېزىلغان
بولۇپ، زۇلۇم ئاستىدىكى سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقىمگە بېغىشالنغان ئىدى.
قىسقارتىلغان ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ
تور بېتىدە ئېالن قىلىنغاندىن كېيىن، ئىخالسمەن ئوقۇرمەنلەر نۇرغۇن خەتلەرنى
يېزىپ، كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئارىدىن
بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەزىيىتىدە
يەنە نۇرغۇن جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكتىن كىتابنىڭ ھەجىمىنى
كېڭەيتىشىمگە ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھالدا، كىتابنىڭ ماۋزۇسىنى »قايتا
شەكىللەندۈرۈلۈشتىن قايتا شەكىللەندۈرۈشكە« دىن »كۆك پاسپورت ئارزۇسى«
قا ئۆزگەرتىشىمگە توغرا كەلدى.
ئەسىرىمنى ئېالن قىلىشقا ئىلھامالندۇرغان دوكتور ئەسەت سۇاليمان
ئەپەندىگە، كىتابىمغا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن سۆيۈملۈك كۈنتۇغدىغا
ۋە بارلىق دوستلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ، ۋازكېچىلمەيدىغان زېمىنغا باغالنغان روھنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى
ئەركىنلىك، مىللەتچىلىك ۋە كىملىكنىڭ يەنى »مەن« نىڭ قايتا سىزىلىشىنى
ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ تېمىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا يېزىلغان
بىر كىچىك كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان ھەر بىر چوڭ تېما
ھەققىدە نۇرغۇن كىتاب يېزىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرالرنىڭ
ئۆز زېمىنىغا باغالنغان مىىللەتچىلىكنى يەنى تېررىتورىيە مىللەتچىلىكىنى
قولغا كەلتۈرۈشتىكى كەڭ دائىرىلىك ئومۇمىي كۆرۈنۈش ۋە ئۇنىڭ كېڭەيتىلگەن
ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىال تەھلىل
قىلىشقا؛ بۇ ھەقتىكى ئىنچىكە ۋە ئۇششاق تەپسىالتالرنىڭ ئانالىزىنى ئەمەس،
ئومۇمىي كارتىنىنى يورۇتۇشقا تىرىشتىم. بىز – ئۇيغۇرالر ئادەتتە مىللەتنى
ساقالپ قېلىش دېگەن بۇ سۆزنى قىلغىنىمىزدا، ئۇيغۇرالرنىڭ تىلىنى، دىنىنى،
ئۆرپ – ئادىتىنى، تائاملىرىنى، كىيىم – كېچەكلىرىنى، ناخشا – ئۇسسۇل
مۇزىكىلىرىنى ساقالپ قېلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بىر
قاتار جەرياننى، يەنى بىر مىللەتنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان
دىنىي كىملىك، تىل، كۈلتۈر ۋە ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىكى كىملىكىنىال
كۆزدە تۇتىمىز. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتنىك كىملىكى ۋە دىنىي
كىملىكىدىن باشقا يەنە قانداق ئامىلالرغا چېتىشلىق؟ پەقەت دىنىي ۋە ئېتنىك
كىملىكنى ساقالپ قېلىش ئارقىلىقال بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى
مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بوالمدۇ؟ ئەلۋەتتە دۇنيادا ھېچقاچان دۆلەت
قۇرۇپ باقمىغان، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى تېررىتورىيە چۈشەنچىسى
بولمىغان ياكى بولسىمۇ ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان زېمىندىن ئاللىقاچان ۋاز
كەچكەن، پەقەت ئېتنىك كىملىكىنىال ساقالپ قېلىۋاتقان مىللەتلەر نۇرغۇن.
ئۇندىن باشقا دىنىي كىملىكى ئارقىلىقال ئۆز كىملىكىنى ساقالپ كېلىۋاتقان
تۇڭگانالرغا ئوخشاش مىللەتلەرمۇ نۇرغۇن. ئۇيغۇرالر ئۇالردىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخسى ئەركىنلىكى نېمە ئۈچۈن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ
مىللىي كىملىكىسىز مەۋجۇت بواللمايدۇ؟ ئۇيغۇرالردىكى ئېتنىك كىملىك،
مىللىي كىملىك ۋە مىللەتچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا توغرا
بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟!