ئېتنىك، ئۇلۇس، كىملىك ۋە ئۇلۇسچىلىق
كىرىش سوز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 2017-يىلى، تۇركىيەدىكى ھاجە تەپە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، تۇركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي رايونلىرى ستراتېگىيە تەتقىقات مەسلىھەتچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىبرىستا ئېچىلغان ستراتېگىيە يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك ھەرىكىتىگە يېتەكچى ئىدىيە تۇرغۇزۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوللانما يېزىپ چىقىش ئىشىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ بىر مىللىي مەپكۇرە بولۇپ، مىللىي مەپكۇرە دىگىنىمىزدە بىر مىللەتنىڭ ئەگىشىدىغان نىشانى كوزدە تۇتۇلاتتى. مەسىلەن ئوسمان ئىمپېرىيەسى تارىخىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن ( قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىغى ئېنىق ئەمەس) قىزىل ئالما مەپكۇرەسى بىر سىمىۋوللۇق ئىدىيەنىڭ ئىسمى بولۇپ، زامان ۋە ماكانغا ئاساسەن بەزىدە قىزىل ئالما يەر شارىدىكى پۈتۈن تۇپراقلارنى ئىگىللەش نىشانىغا سىموۋول قىلىنغان بولسا، بەزى چاغلاردا يەتمەكچى ۋە ئېرىشمەكچى بولغان مەلۇم زىمىنغا سىموۋۇل قىلىنغان. بەزى چاغلاردا تۈرك مىللەتچىلىكىگە سىموۋيۇل قىلىنسا يەنە بەزىدە دۆلەت قۇرۇشقا سمىۋول قىلىنىپ كەلدى. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان خەلقى يەتمەكچى بولغان نىشان نىمە؟ ۋە بۇ قانداق بىر ئىدولوگيە ياكى دوكتورىن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك؟ يىغىندا بۇ ھەقتە بىر قوللانما يېزىپ چىقىش مەسىلىىسى در. ئەركىن ئەكرەم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك قوللىغان بولسىمۇ، كىمنىڭ يېزىشى ۋە قانداق يېزىش مۇزاكىرە قىلىنمىدى. يىغىندىن كېيىن مەن در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن كۆرۈشتۈم. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنى تەرغىپ قىلىدىغان بۇنداق بىر ئىدولوگىيە قوللانمىسىنى يەزىشتىن بۇرۇن، بۇ قوللانمىنى خەلقنىڭ چۇشىنەلىشىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئۇقۇملار ۋە دۆلەت قۇرۇش ئىدولوگىيەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشىنىشكە ئاساس سالىدىغان بىر ئىلمىي كىتاپنىڭ يېزىلىشى زۆرۈرلىكىنى مەسلىھەتلەشتۇق ۋە بۇنى يېزىشنى مەن ئۇستۇمگە ئالدىم. در. ئەركىن ئەكرەم بۇ كىتاپنى يېزىشتا پايدىلىنىشم زۆرۈر بولغان بىر قاتار كىتاپلارنى ئەۋەتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى 2017- يىلى يازدا يېزىپ پۈتتۈردۈم. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمنىڭ مېنىڭ بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغانلىقىغا ۋە مېنى ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمدەك مىللەتنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزالايدىغان كىشىلىرىمىزنى بىزدىن ئايرىمىسۇن ئۇلارغا كۈچ – قۇۋەت ئاتا قىلسۇن.
لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددى ئۆزگۈرىشى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىققا ئۆتۈشى ۋە جازا لاگىرى مەسىلىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، شۇنداقلا خەلقارا ۋەزىيەتكە يېتىشىپ ماڭالماس ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغانلىقتىن ئىنتايىن ئالدىراش ۋە جىددىي بىر كەيپىيات ئىچىگە چۆكۈپ قالدۇق. كىتاپنى نەشىر قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بولماي تاشلىنىپ قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن كىتاپنى قايتا بىر كورۇپ تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرىۋېتىش قارارىغا كەلدىم. كىتاپ ئورېگىنالى لاتىن يېزىقىدا بولغانلىغى ئۈچۈن ئابدۇرەھىم قاھار سوغۇق ئۇنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىملاسىنى تۈزىتىپ بەردى. ئىملا تۈزەش جەريانىدا چۇشىنىكسىز بولۇپ قالغان نۇرغۇن سوز – جۇملىلىرىمنى كۆرسىتىپ ئوتتى. ئابدۇرەھىمنىڭ ئەستايىدىللىغىغا ھەقىقەتەن قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن. كىتاپنى باستۇرۇشتىن بۇرۇن ، پروفېسسور ئادىلجان قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كىتاپنى كۆرۈپ چىقتى. ئادىلجاننىڭ ئۇيغۇرچىدا ئومۇملاشقان ئاتالغۇلارنى ئېسىمگە سالغىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كىتاپنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىشىشىگە ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. تۆۋەندە نىمە ئۈچۈن بۇ كىتاپنى يېزىشنى ئۈستۈمگە ئالغانلىغىمنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. ئەسلىدە ئۇيغۇرلانىڭ ئېنگىلىزچە يازغان ماقالىللىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە ماقالىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى بەس مۇنازىرىلەردە بولسۇن ئۇقۇم قالايمىقانچىغى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تۇتقان يولى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان كۈچ ھەققىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى داۋاملىق كورۇپ تۇرىۋاتىمىز. شۇ سەۋەبتىن ئىچكى كىرىزىسنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيتتىم. قىبرىس يىغىنىدا مىللىي مەپكۇرە ھەققىدە قوللانما يېزىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئالدى بىلەن خەلقنى مىللىي مەپكۇرىگە ئەگىشەلەيدىغان ئاڭغا ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىغىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتىم. ۋە بۇ ھەقتە در.ئەركىن ئەكرەم بىلەن پىكىرلەشكىنىمدە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ دەل مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇرچە كىتاپ يازدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم. چۇنكى خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىككە كەلمەيۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكىدە بۆگۈنكى كۈندە پەقەت دىن، تىل ۋە كۇلتۇرلا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەمدۇ ياكى يەتەرلىكمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇر كىملىكى خەلقارادىكى ئۇقۇملار بىلەن قانداق ئاتىلىپ قالىدۇ؟ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى، يوقىتىلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى جۇملىدىن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ پەقەت زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا ھىچقانداق رولى يوق نەرسىمۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئۇيغۇر ئىسمىدىكى بىر ئېتنىك توپلۇم سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىرلا ئېتنىك مىللەتنىڭ ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان ئۇلۇس دۆلىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇستەملىكە مىللەتلەرنىمۇ كۆزدە تۇتقان شەرقىي تۈركىستان تېرىتورىيەسىنىڭ نامىدا ئاتالغان كۆپ مىللەتلىك ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش ئېڭىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەكمۇ؟ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىدولوگىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۇلۇسچىلىقنى ئاساس قىلغان؟ بىزنىڭ ئۇلۇسچىلىق ئىدولوگىيەمىزنى تىكلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دىگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن بىر كىتاپ يېزىش خىيالىم بولسىمۇ، ۋاقت، ماتېرىيال دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئىزدەنمەي يۈرگەن ئىدىم. كىتاپنى يېزىش جەريانىدا، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولغانلىغى، تىل بايلىقىمنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئىپادىلەشتە قىينالغان بولساممۇ، لېكىن ئامال بار چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىشقا تىرىشتىم. كىتاپنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاساسەن غەرپ دۇنياسىدا ئىشلىتىلۋاتقان ئۇقۇملار توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەر سېلىشتۇرۇلغانلىغى ئۈچۈن بەلكىم زېرىكىشلىك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما زېرىكىشلىك بولسىمۇ تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز باشقا بۆلۈملەردىكى پىكىرلەرنى تولۇق چۇشىنەلىشىڭىزگە ئاسان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ ئاۋام خەلقىمىز نەزەرىيىۋى كىتاپلارغا قىزىقماسلىغى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئەمما قاچان بىزدىكى ئاۋام خەلق نەزەرىيەلەرنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان بولغاندا، توغرا ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ئۆگەنگەن بولىدۇ. چۇنكى نەزەرىيە ، ئوي – پىكىر بولماي تۇرۇپ ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ. ئوي پىكىر ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ، مىللىي ھۆرلۈك ھەرىكىتىمىزدە توغرا يۆنىلىش ۋە خۇددى تۈرك مىللىتىنىڭ قىزىل ئالما مەپكۈرەسىدەك بىر مەپكۇرەنىمۇ تىكلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ كىتابىم ئارقىلىق بۇ مۇھىم مەسىلىلەر ئۇستىدە قىزىقىش ۋە مۇنازىرە قوزغاشقا ۋەسىلە بولالىسام، قىلغان ئەجرىمدىن رازى بولۇشقا سەۋەب تاپقان بولىمەن. ئەمىسە مەرھەمەت! كىتاپ ئۇنچىلىك ئۇزۇنمۇ ئەمەس، ھەر كۈنى ئانچە – مۇنچە ۋاقتىڭىزنى چىقىرالىسىڭىز بىر ھەپتىدە ئوقۇپ بولىسىز. قارشى پىكىر، خاتا كەتكەن يەرلەر ۋە ياكى مۇئەييەنلەشتۇرگەن پىكىرلىرىڭىز بولسا كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەر زامان ئاشكارە بەس مۇنازىرىگە تەييارمەن. خەيىر خوش ، بۇ كىتاپنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.