قورقۇنۇچنىڭ ئاقىۋېتى ۋە يۈزلىشىش Qorqunuchning Aqiwiti we Yuzlishish
قورقۇنۇچنىڭ ئاقىۋېتى ۋە يۈزلىشىىش
بىزدە ئاچىقنى يەڭگەن باتۇر دىگەن ماقال بار، ئەمىلىيەتتە بۇ ماقالنى قورقۇنۇچنى يەڭگەن باتۇر دەپ ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن، چۇنكى قورقۇنۇچمۇ ئاچچىققا ئوخشاشلا ئىنساننىڭ يېڭىشى قىيىن بولغان ناھايىتى كۈچلۈك تۇيغۇ. ئۇيغۇرلار نوۋەتتە مانۇ بۇ روھى كۇرەشكە دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي ئىشغالچىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزىدىن قورقۇشىنى ئوزىگە مۇتلەق بويسۇنۇشىنى ئۇمىت قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالچىللىرى بېسىپ كىرگەندىن بېرى بىر مىنۇتمۇ قارشىلىغىنى توختاتقىنى يوق. ئۇيغۇرلار ئېتىقادلىق خەلق بولۇپ ئۇلار كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بارلىغىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلار ئوزىنى كائىناتتىن ھالقىغان ۋە ھەرقانداق قۇدرەتلىك كۇچتىن ھالقىغان ياراتقۇچىدىن ئىبارەت غايەت زور كۇچكە باغلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ كۈچىنى مەنسىتمەيدۇ ۋە خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەرقانچە قىرغىنچىلىق قىلىپمۇ ئەسلا قورقۇنۇچ دىگەن دىگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا مۇتلەق ۋە پۇتۇنلەي قوبۇل قىلدۇرالمىغان. ئەمما يېقىندىن بېرى، خىتاينىڭ ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان زۇلۇملار بىلەن پۇتۇن شەرقىي تۇركىستاننى قورقۇنۇچلۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرىۋېتىشى نەتىجىسىدە،<خىتاي ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەممە يەردە خىتاينىڭ كوزى بار، مەن نەگىلا باسام نىمە قىلىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ تۇرىدۇ. بىز بەرىبىر ھىچنىمە قىلامايمىز> دىگەندەك خىتايدىن قورقۇش ۋەھىمىسى پەيدا بولماقتا ئىكەن
ئەمىلىيەتتە يۇقارقى كوزقاراشلارنىڭ ھىچقايسىسى مۇتلەق ئەمەس. بىرىنچىدىن خىتاي ھەرقانچە كۇچلۇك بولغان تەغدىردىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئاجىزلىقلارغا ئىگە بىر دولەت، ئۇ تېخى دۇنياغا ھۆكۈمران بولغان تارختىكى مەشھۇر ئەمپەرىيەلەردەك دۇنياغا ھوكۇمرانلىق شەرت شارائىتىنى ھازىرلىغىنى يوق، ھازىرلىغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ كۇچىنى ئوزىمىز ئىتائەت قىلغۇدەك دەرىجىدە زورايتىۋېلىش ئەگەر ئىمانلىق بىرى بولسىڭىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت كەچۇرگۇسىز ئېغىر گۇناھ. ئىككىنچىدىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى ھەرقانچە سەتىۋەلىپ بىر بىرىگە خائىنلىققا سەلىپ ھەممىلا يەردە كوزى باردەك كورۇڭىنى بىلەنمۇ بۇ دىگەنلىك ھەممىلا ئۇيغۇر خىتاي تەرىپىدىن سەتىۋەلىندى دىگەنلىك ئەمەس، ۋىجدانلىق ئەقىللىق ئۇيغۇرلار تەخى پۇتۇنلەي تۇگەپ كەتكىنى يوق. ئۇچىنچىدىن، خىتاي بىزنىڭ خىتايغا قارشى ھەركەتلىرىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ دىگەنلىك خىتايغا قارشى ھەركەت قىلساق ئولۇمىز بولمىسا ياشايمىز دىگەنلىك ئەمەس. ھەرقانداق بىر دۇشمەن ئوزىگە قارشى چىققان كۇچلۇك رەقىبىگە جەڭ ئەلان قىلغىنى بىلەن ئاجىز رەقىبىنى دەسسەپ يەنجىپ ئوينايدۇ ياكى زېرىككەندە ئۇنىمۇ ئۇجۇقتۇرىدۇ.
ئەنە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەگەر كىشىلەردىكى قورقۇنۇچ ۋەھىمىسى مۇتلەق ئەھۋال شەكلىنى ئەلىشقا باشلاپ كەڭەيسە ، ئەھتىياتچانلىقتىن ھالقىپ قورقۇنۇچ روھى كەسىلىنى پەيدا قىلىش نەتىجىسدە قانداق ئاقىۋەت كەلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ بۇ دىگەنلىك خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزىۋاتقان تەررور ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىنى پىسخىك جەھەتتىن كونترول قىلىش مەخسىدىگە يەتتى دىگەنلىكمۇ؟
ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان سېستىمىلىق زۇلۇم ۋە تېررور قورقۇنۇچ كېسىلى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل روھى كىسەل كىشىنى داۋاملىق ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ قويۇدۇ. چۇنكى خىتاي زۇلۇم ۋە سىياسەتلىرىنى ئويلمىغان يەردىن چىقىپ ، تۇيۇقسىز ئېلىپ بارىدىغانلىقتىن ۋە داۋاملىق ئوزگۇرۇپ تۇرىدىغانلىقتىن ئۇيغۇرلار ئوزىگە بىردەمدىن كېيىن نىمە بولۇشىنى بىلەمەيدۇ. خىتاي ھوكۇمىتىدە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىگە ئوخشاش قىلىنماقچى بولغان قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئىشلار ئوچۇق ئاشكارا ئەمەس. بۇنداق ئەنىقسىزلىق ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق خەتەر پۇراپ تۇرىدىغان ھاياتتا، ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمدىن ئەنسىرەپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ خىل ئەنسىرەش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا خۇددىي ئېغىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىغان كىشى ئۇزۇن ۋاقت ماشىنا ھەيدەشتىن قوقۇدىغان بولۇپ قالغاندەك، ۋە ياكى يىلان چقىۋالغان، ئومۇچۇك چېقىۋالغان كىشىلەر، يىلان ياكى ئومۇچۇكنىڭ رەسىمىنى كورسىمۇ ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك كىشىلەرنىڭ يۇرىگىنى قورقۇنۇچ قاپلىۋالىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار خىتيادىن ئايرىلىپ باشقا ئەركىن دولەتلەرگە كەلگەن تەغدىردىمۇ روھىيىتىمىزگە چاپلاشقان قورقۇنۇچ كېسىلى دەرھال يوقاپ كەتمەيدۇ. قورقۇنۇچ كېسىلىگە گرىپتار بولغۇچى ئوزى قورقۇپ كەتكەن نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرە نەرسىگە ئۇچراپ قالسىمۇ ئوزىنىڭ بىخەتەر يەردە ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ ، ئاغزى قۇرۇپ پۇت قوللىرى بوشىشىدۇ، بۇ خىل كېسەلگە ئېغىر دەرىجىدە گىرىپتار بولغانلار نىڭ بولسا قاتتىق يۇرىگى سېلىپ نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، ئاشقازىنى راھەتسىز بولۇپ، گەجگىسى، بارماقلىرى يۇز مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدۇ. سوغۇق تەر باسىدۇ.
مەن ئافغانىستانغا بومبا چۇشسە باشتا مورەپ قاچىدىغان كاللار بومبا چۇشىۋەرگەندىن كېيىن مورىمەس ھەتتا قاچماس بولۇپ قالغانلىغىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئافرىقىنىڭ مەلۇم ئارىلىدا ياشايدىغان ئاياللارنىڭ يېڭى توي قىلغاندا ئۇلارنىڭ قېينى ئاپىسىنىڭ ئۇلارنى كىچىككىنە تۇڭلۇكتىن باشقا ھىچنىمىسى يوق قاراڭغۇ ئويگە سولاپ ئەگەر قىز جىن بولسا 7 كۇن ئىچىدە ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ ، جىن ئەمەس بولسا قەچىپ كىتەلمەيدۇ دەيدىغانلىغى ۋە 7 كۇندىن كەيىن ئۇنىڭ ئىنسانلىغىنى ئىسپاتلايمىز دەپ چەچىنى چۇشۇرىۋەتىپ يالىڭاچلاپ كوچا ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىشى قىز تەرىپىدىن ئىنتايىن نورمال ئەھۋال سۇپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ كاناداغا كوچمەن بولۇپ كەلگەندىن كەيىنمۇ ئوزىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش پىسخىكىسىنى ئۇزۇن ۋاقتلارغىچە يەتىلدۇرەلمىگەنلىگىنى كورگىنىمدە، تەكرار ۋە ئۇزلۇكسىز داۋاملىشىۋاتقان خىتاي زۇلمىنىڭ ئوخشاش ئەھۋالنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىدىم.
.
چۈنكى، ئىتائەت قىلىش پىسخىكىسى، توختىماي تەكرارلانغان مەجبۇرلىنىش نەتىجىسىدە ئادەتلىنىش ۋە كونۇش ئارقىلىق يېتىلىدىغانلىغى پىسخولوگلار ۋە جەمىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەجىربىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان زۇلۇمغا قارشى چىقىش مۇمكىنچىلىگىنى تاپالمىغان خەلق، ئوزى ئۇچراۋاتقان بارلىق ھەقسىزلىقنى ھۇددىي تەبىي ۋە نورمال ئەھۋالدەك قوبۇل قىلىۋەلىشى مۈمكىن ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە،بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ “ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغىنىمدىن نەپرەتلىنىمەن، چۇنكى ئۇيغۇر بولۇش گۇناھ”دىگەنلىگىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. گەرچە بۇ سوزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرلۇقۇمنى خىتاي گۇناھ دەپ قارايدۇ، ئۇيغۇر بولۇش خىتاينىڭ نەزىرىدە جىنايەت “ دەپ چۇشىنىلسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلۇقۇمدىن نەپرەتلىنىمەن دىگەن بۇ بىر جۇملىنىڭ قېتىلىشى بىلەن ئوز ئوزىدىن نومۇس قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت تېررور ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە ياشاش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىگىنى ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىشتەك بىر خىل پۇراق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلاردا بارا بارا بارلىق بەختسىزلىكلەرنى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئەمەس ئۇيغۇر بوئۇپ تۇغۇلغانلىغىدىن كۆرۇش كۈچەيسە بۇ ئەلۋەتتە خىتايدىن ئەمەس بەلكى ئوز ئوزىدىن نەپرەتلىنىش ۋە ئۆز ئۆزىنى گۇناھكار ھىس قىلىش تۇيغۇسىنى، ئۆز ئۆزىنى ئىنتايىن چارىسىز ۋە ئاجىز ھىس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتىدىغان بولۇپ نەتىجىدە خىتاي يۇرگۇزىۋاتقان زۇلۇمنى ھەقلىققا چىقىرىش،ز ئېتىراپ قىلىپ قوبۇل قىلىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇنداقتا خىتاي ھوكۇمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىدىكى قورقۇنۇچ ئارقىلىق ئوز مەقسىدىگە يىتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە توۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلار زۇلۇمنى تەبىي نورمال ئەھۋال سۇپىتىدە قوبۇل قىلماسلىغى ۋە خىتاينىڭ مەخسىدى ئەمەلگە ئاشماسلىغى مۈمكىن:
بىرىنچىدىن، ھەق ناھەق تۇيغۇسى يوقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.
ئىككىنچىدىن، ئىلاھىي كۈچكە بولغان روھىيىتىدىكى ئەتىقاد يوقالمائىغان ئەھۋال ئاسىتىدا.
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلادىكى ھەق ناھەق تۇيغۇسىنى يوقۇتۇشى ئۇنچە بەك ئاسانمۇ بولمىسا كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار يالغۇز ياشىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجىدە ھەق ھوقۇققا ئىگە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئوتتۇرۇلۇقتا ئاسمان زىمىن پەرق ئىنتايىن روشەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى خىتايلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەق ھوقۇق ۋە كۈچكە سېلىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىگى ھەر قەدەمدە مەۋجۇد. ئەگەر ئۇيغۇرلار چارىسىزلىك ئىچىدە ئوزىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۇيگۇر بولۇپ ياشىغۇچە خىتايلا بولۇپ كەتسەمچۇ دەپ پۇتۇن چارىسىزلىگىنى ئۆزىدىن كورۇپ ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئوزىنى “بىزمۇ ئىنسان نىمە ئۇچۇن خىتايدا با ھوقۇق مەندە يوق” دەپ سېلىشتۇرالىغاندا ئۇيغۇرلاردا ھەق ناھەق تۇيغۇسىنى بەربىر پەيدا بولىدۇ. ھەق ناھەق تۇيغۇسى بولغان كىشىنىڭ زۇلۇمنى نورمال ھادىسە دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چوقۇم، كۈچلۇك بىلەن كۈچ ئېلىشىشنىڭ، چارىسىزلىككە باش ئېگىش ئەمەس بەلكى بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئىكەنلىگىنىڭ يولىنى تاپىدۇ
خىتايلار ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرىۋەتىشى ئۇلارنىڭ بالىق ئىسلامىي پەرھىز ۋە سۇننەتلىرىنى چەكلەپ يوق قىلىۋەتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىلاھىي كۇچنى يوقۇتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۇنكى ھىچقاچان دىنسىزلار ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلىيالىغان ئەمەس، ئەمما كائىناتتىكى ھەممىلا نەرسە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇدلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئىنسان روھىنىڭ ئىلاھىي كۇچكە بولغان ئېتىقادىي يوقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ھەقسىزلىق قىلغۇچىنى ئېتىراپ قىلىپ، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ كۇچىنى يەڭىلمەس شەكىلدە زورايتىۋەلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ
شەرقىي تۇركىستاندىكى خىتاي زۇلمىدىن ئايرىلغان ، باشقا ئەللەردىكى سۈرگۇن ئۇيغۇرلاردىمۇ قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمە يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ بۇنىڭ سەۋەبىي شەرقىي تۇركىستان ئىچى بىلەن كوپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بىرىنچىدىن شەرىقي تۈركىستاندىن ئايرىلىش بىلەنلا غەم ئەندىشە پۈتۈنلەي تۈگەپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس. خىتاي ھوكۇمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى گۆرۆگە ئېلىش ئارقىلىق تەھدىدنى ۋاستىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن قورقۇنۇچ كېسىلى زۇلۇم ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن ئىنسان روھىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە ئازار يىيىشى بىلەن كېلىپ چىققانلىقتىن، مۇھىتتىن ئايرىلىش بىلەن دەرھاللا يوقاپ كەتمەيدۇ ۋە ئىنساننىڭ ئەسلىمىسى بىلەن روھىغا يېپىشىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ ئوزى قورققان ئەندىشە قىلغان نەرسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بۇ خىل روھى كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. يېقىندا ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا ئىككى كىچىك ۋىئتناملىق قىزنىڭ يىلانلارنى ئۇۋىسىدىن قانداق تۇتقانلىغى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنىشى تارقالدى. ئۇلار نىمە ئۇچۇن يىلاننىڭ چېقىۋەلىشىدىن زادىلا قوقماي شۇنچە ئىشتىياق بىلەن يىلان تۇتىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار يىلاننى كۇزەتتى، ئۇنىڭدىن قانداق ئۈستۇن كېلىشنى ئۈگەندى بۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار يىلاندىن قەچىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن يۇزلەشتى. ئادەتتە ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ماشىنا ھەيدەشتىن قورقۇپ كەتكەنلەرمۇ ئەگەر زادىلا ماشىنىغا يېقىن كەلمەس بولىۋالسا مەڭگۇ ماشىنا ھەيدىيەلمەي قوقۇپ ئوتۇپ كېتىدۇ. خىتاينىڭ مەخسىدىمۇ دەل شۇ، ئۇيغۇرلانى قورقۇتۇپ ئۇلارغا ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز ئىكەنلىگىنى ھەرگىزمۇ خىتايغا تەڭ كىلەمەيدىغانلىغىنى كۇچلىنەلمەيدىغانلىغىنى قوبۇل قىلدۇرۇش. ئەگەر بىز ھەممە يەردە خىتاي كورۇپ تۇرىدۇ، خىتاي جازالايدۇ دەپ ھىچنەرسە قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىساق ، خىتايغا قارشى ھەرقانداق سوز ۋە ھەركەتتىن ئوزىمىزنى قاچۇرساق، قانداق قىلىپ كۇچلىنىشكە باش قاتۇرمىساق خىتاي ھىچقانداق كۇچ ئىشلەتمەيلا مەقسىدىگە يەتكەن بولىدۇ. چۇنكى ئۇرۇق تۇققانلارنى گۆرۆگە ئېلىۋېلىش خىتايغا قارشى چىققان بىرنەچچە كىشى ئۇچۇن خىتاينىڭ جازاسى، خىتايغا قارشى چىقمايدىغانلارغا بۇنداق جازا يوق، خىتاي ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەيدىغان بۇنداق بىر ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس، مەيلى سىز قارشى چىقماڭ ياكى چىقىڭ پۇتۇن شەرىقي تۇركىستان خەلقىي گۆرۆدە
بۇ قۇرلارنى يېزىۋەتىپ باتۇر يۇرەك فلىمىدىكى ۋىللىئام ۋاللاسنىڭ ئەسكەرلىرى: <دۇشمەن ئىنتايىن كوپ ۋە كۇچلۇك بىز قىرىلىپ كەتىمىز، تەڭ كىلەمەيمىز قايتىپ كېتىپ دىھقانچىلىقىمىزنى قىلايلى> دىگەندە ئۇنىڭ: “قاچىسىلەر، قاچقاندىن كېيىن ياشايسىلەر ئەمما ھامان بىر كۇنى ئويۇڭلاردىكى كىسەل كارۋىتىدا ئۆلۇسىلەر. ئەگەر بۈگۈن قاچمىساق، دۇشمەنگە باش ئەگمىگەن، دۇشمەن بىلەن ئېلىشالىغان ئەركىن بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئۆلۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇ مىنۇتتىكى ئاشۇ دۇشمەن بىلەن ئېلىشالىغان ئەركىنلىكنى، ھازىردىن باشلاپ كىسەل كارۋىتىڭلاردىكى ئۆلۈمىڭلارغىچە بولغان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، ئاشۇ ئارىلىققا تېگىشىمىز دىسەڭلا قېچىڭلا، بولمىسا مەن بىلەن مېڭىڭلا” دىگەن سوزلىرى ئېسىمگە كەلدى
قارىغاندا،بۇندىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ بىر مىنۇت بولسىمۇ ئەركىن ئىنسان بولالاش بولالماسلىغى، بىزنىڭ بىزنى ھازىردىن باشلاپ ئەجىلىمىز كەگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇل ھاياتقا مەھكۇم قىلغان قورقۇنچ كېسىلىمىزنى، قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا باغلىق بولسا كېرەك. خۇددىي قايسىدۇ بىر مەشھۇر شەخس ئەيتقاندەك، قەھرىمانلار ياكى غالىپلار قوقۇشنى بىلمەيدىغان ھىس قىلالمايدىغان كىشىلەر ئەمەس بەلكى قوقۇشنى يىڭەلىگۇچۈلەر. ئەنە شۇلار روھىيىتىدىكى ئەركىنلىكنى ھىچكىمگە تارتقۇزۇپ قويماي ياشىيالايدىغان كىشىلەردۇر.
Qorqunuchning Aqiwiti we Yuzlishish
Bizde achiqni yenggen batur digen maqal bar, emiliyette bu maqalni qorqunuchni yenggen batur dep elish eng muwapiqmikin deymen, chunki qorqunuchmu achchiqqa oxshashla insanning yengishi qiyin bolghan nahayiti kuchluk tuyghu. Uyghurlar novette manu bu rohi kureshke duch kelmekte.
Eniqki, Xitay ishghaliyetchilliri Uyghurlarning ozidin qorqushini ozige mutleq boysunushini umit qilidu. emma Uyghurlar Xitay ishghalchilliri besip kirgendin beri bir minutmu qarshilighini toxtatqini yoq. Uyghurlar etiqadliq xelq bolup ular kainatning yaratquchisi barlighigha ishinidu, ular ozini kainattin halqighan we herqandaq qudretlik kuchtin halqighan yaratquchidin ibaret ghayet zor kuchke baghlash arqiliq Xitayning kuchini mensitmeydu we Xitay Uyghurlargha herqanche qirghinchiliq qilipmu esla Uyghur xelqini qorqunuch we terror arqiliq bugungiche ozige bash egdurup bolamighan. emma yeqindin beri, Xitayning insan eqli yetmeydighan zulumlar bilen putun Sherqiy Turkistanni qorqunuchluq turmige aylanduriwetishi we qolini chetelidiki Uyghurlaning hayatighimu sunushi netijiside, “Xitay heqiqeten kuchluk, hemme yerde Xitayning kozi bar, men negila basam nime qiliwatqanlighimni bilip turidu. biz beribir hichnime qilamaymiz” digendek Xitaydin qorqush wehimisi peyda bolup kuchiyishke bashlidi.
Emiliyette yuqarqi kozqarashlarning hichqaysisi mutleq emes. birinchidin Xitay herqanche kuchluk bolghan teghdirdimu, yenila nurghun ajizliqlargha ige bir dolet, u texi dunyagha hokumran bolghan tarxtiki meshhur emperiyelerdek dunyagha hokumranliq shert sharaitini hazirlighini yoq, hazirlighan teghdirdimu uning kuchini ozimiz itaet qilghudek derijide zoraytiwelish eger imanliq biri bolsingiz Allahqa sherik kelturushtin ibaret kechurgusiz eghir gunah. Ikkinchidin Xitay Uyghurlarni herqanche setiwelip bir birige xainliqqa selip hemmila yerde kozi bardek korungini bilenmu bu digenlik hemmila Uyghur Xitay teripidin setiwelindi digenlik emes, wijdanliq eqilliq Uyghurlar texi putunley tugep ketkini yoq. Uchinchidin, Xitay bizning Xitaygha qarshi herketlirimizni elwette bilip turalishi mumkin, emma bu digenlik Xitaygha qarshi herket qilsaq olumiz bolmisa yashaymiz digenlik emes. Herqandaq bir dushmen ozige qarshi chiqqan kuchluk reqibige jeng elan qilghini bilen ajiz reqibini dessep yenjip oynaydu yaki zerikkende unimu ujuqturidu.
Ene shundaq bolushigha qarimay, eger kishilerdiki qorqunuch wehimisi mutleq ehwal sheklini elishqa bashlap kengeyse, ehtiyatchanliqtin halqip qorqunuch rohi kesilini peyda qilish netijisde qandaq aqiwet kelip chiqishi mumkin? bu digenlik Xitay Uyghurlargha yurguziwatqan terror arqiliq Uyghurlarning rohiyitini pisxik jehettin control qilish mexsidige yetti digenlikmu?
Wehshiylerche elip berilghan sestimiliq zulum we terror qorqunuch kesili peyda qilidighan bolup, bu xil rohi kisel kishini dawamliq endishe ichide yashaydighan qilip qoyudu. Chunki Xitay zulum we siyasetlirini oylmighan yerdin chiqip, tuyuqsiz elip baridighanliqtin we dawamliq ozgurup turidighanliqtin Uyghurlar ozige birdemdin keyin nime bolushini bilemeydu. Xitay hokumitide dunyaning bashqa ellirige oxshash qilinmaqchi bolghan qilinghan we qiliniwatqan ishlar ochuq ashkara emes. Bundaq eniqsizliq Uyghurlarni dawamliq xeter purap turidighan hayatta, heqsizliq we zulumdin ensirep yashashqa mejbur qilidu. Bu xil ensiresh uzun muddet dawamlashqanda huddiy eghir mashina weqesige uchrighan kishi uzun waqt mashina heydeshtin qoqudighan bolup qalghandek, we yaki yilan chqiwalghan, omuchuk cheqiwalghan kishiler, yilan yaki omuchukning resimini korsimu hushini yoqutup qoyghandek kishilerning yurigini qorqunuch qapliwalidu. Mesilen, Uyghurlar Xityadin ayrilip bashqa erkin doletlerge kelgen teghdirdimu rohiyitimizge chaplashqan qorqunuch kesili derhal yoqap ketmeydu. Adette bu xil kiselning alametliride, Qorqunuch kesilige griptar bolghuchi ozi qorqup ketken nersige munasiwetlik bire nersige uchrap qalsimu ozining bixeter yerde ikenligini untup, aghzi qurup put qolliri boshishidu, bu xil keselge eghir derijide giriptar bolghanlar ning bolsa qattiq yurigi selip nepes elishi tezliship, ashqazini rahetsiz bolup, gejgisi, barmaqliri yuz muskulliri tartiship qalidu. soghuq ter basidu.
Men Afghanistangha bomba chushse bashta morep qachidighan kallar bomba chushiwergendin keyin morimes hetta qachmas bolup qalghanlighini anglighinimda, Afriqining melum arilida yashaydighan ayallarning yengi toy qilghanda ularning qeyni apisining ularni kichikkine tungluktin bashqa hichnimisi yoq qarangghu oyge solap eger qiz jin bolsa 7 kun ichide uchup chiqip ketidu, jin emes bolsa qechip kitelmeydu deydighanlighi we 7 kundin keyin uning insanlighini ispatlaymiz dep chechini chushuriwetip yalingachlap kocha aylandurup sazayi qilishi qiz teripidin intayin normal ehwal supitide qobul qilinghanlighini anglighinimda, ularning Kanadagha kochmen bolup kelgendin keyinmu ozining heq hoquqini qoghdash pisxikisini uzun waqtlarghiche yetildurelmigenligini korginimde, tekrar we uzluksiz dawamlishiwatqan Xitay zulmining oxshash ehwalni kelturup chiqirishidin qattiq ensireshke bashlidim.
Chunki, itaet qilish pisxikisi, toxtimay tekrarlanghan mejburlinish netijiside adetlinish we konush arqiliq yetilidighanlighi pisxologlar we jemiyetshunaslar teripidin alliqachan tejirbiler arqiliq ispatlanghan bolup, Uzun muddet dawamlashqan zulumgha qarshi chiqish mumkinchiligini tapalmighan xelq ozi uchrawatqan barliq heqsizliqni huddiy tebiy we normal ehwaldek qobul qiliwelishi mumkin idi.
Uning ustige, bezi Uyghurlarning “Uyghur bolup tughulghinimdin nepretlinimen, chunki Uyghur bolush gunah”digenligini anglap turiwatimiz. Gerche bu sozning menisi Uyghurluqumni Xitay gunah dep qaraydu, Uyghur bolush Xitayning neziride jinayet“ dep chushinilsimu emma Uyghurluqumdin nepretlinimen digen bu bir jumlining qetilishi bilen oz ozidin nomus qilish, uzun muddet terror we qorqunuch ichide yashash netijiside Uyghur bolushning gunah ikenligini ozimu etirap qelishtek bir xil puraq kelip chiqidu. Eger Uyghurlarda bara bara barliq bextsizliklerni Xitayning zulumidin emes Uyghur boup tughulghanlighidin korush kucheyse bu elvette Xitaydin emes belki oz ozidin neperetlinish we oz ozini gunahkar his qilish tuyghusini, oz ozini intayin charisiz we ajiz his qilish tuyghusini kucheytiwetidighan bolup netijide Xitay yurguziwatqan zulumni heqliqqa chiqirish, etirap qilip qobul qilish kelip chiqidu.
Undaqta, Xitay hokumiti Uyghurlarning rohiyitidiki qorqunuch arqiliq oz meqsidige yetelemdu? Elwette towendikidek ikki xil ehwal astida Uyghurlar zulumni tebiy normal ehwal supitide qobul qilmaslighi we Xitayning mehsidi emelge ashmaslighi mumkin:
Birinchidin, heq naheq tuyghusi yoqalmighan ehwal astida.
Ikkinchidin, ilahiy kuchke bolghan rohiyitidiki etiqad yoqalmaighan ehwal asitida.
Xitaylarning uyghurladiki heq naheq tuyghusini yoqutushi unche bek asanmu bolmisa kerek. chunki Sherqiy Turkistanda Uyghurlar yalghuz yashimaydu, ular ozlirige qarighanda nahayiti yuquri derijide heq hoquqqa ige Xitay kochmenliri bilen bille yahsaydu we otturuluqta asman zimin perq intayin roshen. Netijide ularning ozini Xitaylar behrimen boluwatqan heq hoquq we kuchke selishturush mumkinchiligi her qedemde mevjud. Eger Uyghurlar charisizlik ichide ozidin waz kechishke mejbur bolup, Uyhgur bolup yashighuche Xitayla bolup ketsemchu dep putun charisizligini ozidin korup ozidin nepretlinishning ornigha, ozini “bizmu insan nime uchun Xitayda ba hoquq mende yoq” dep selishturalighanda Uyghurlarda heq naheq tuyghusini berbir peyda bolidu. heq naheq tuyghusi bolghan kishining zulumni normal hadise dep qobul qilishi mumkin emes. u choqum, kuchluk bilen kuch elishishning, charisizlikke bash egish emes belki barliq pursetlerdin paydilinip ozini kuchlendurush ikenligining yolini tapidu.
Xitaylar Uyghurlarni dinsizlashturiwetishi ularning baliq islamiy perhiz we sunnetlirini cheklep yoq qiliwetishi mumkin. Emma ularning qelbidiki ilahiy kuchni yoqutush unche asan emes. Chunki hichqachan dinsizlar yaratquchining mevjud emesligini ispatliyalighan emes, emma kainattiki hemmila nerse yaratquchining mevjudlighini ispatlap turuptu. Insan rohining ilahiy kuchke bolghan etiqadiy yoqalmighan ehwal astida uning heqsizliq qilghuchini etirap qilip, zulum qilghuchining kuchini yengilmes shekilde zoraytiwelishining hajiti qalmaydu.
Sherqiy Turkistandiki Xitay zulmidin ayrilghan bashqa ellerdiki surgun Uyghurlardimu qorqunuch we wehime yenila mevjud bolup buning sewebiy Sherqiy Turkistan ichi bilen kop perqlinip ketmeydu. Birinchidin Sheriqy Turkistandin ayrilish bilenla ghem endishe putunley tugep ketidighan ehwal mevjud emes, Xitay hokumiti Uyghurlarning wetendiki uruq tuqqanlirini goruge elish arqiliq tehdidni wastiliq dawamlashturidu. Ikkinchidin qorqunuch kesili zulum we besim tupeylidin insan rohining zehmilinishi we azar yiyishi bilen kelip chiqqanliqtin, muhittin ayrilish bilen derhalla yoqap ketmeydu we insanning eslimisi bilen rohigha yepiship uzun mezgil dawamlishidu. Bolupmu ozi qorqqan endishe qilghan nersidin ozini qachurush bu xil rohi keselni teximu eghirlashturiwetidu. Yeqinda ijdimaiy taratqularda ikki kichik vietnamliq qizning yilanlarni uwisidin qandaq tutqanlighi heqqidiki sin korunishi tarqaldi. Ular nime uchun yilanning cheqiwelishidin zadila qoqmay shunche ishtiyaq bilen yilan tutidu? Chunki ular yilanni kuzetti, uningdin qandaq ustun kelishni ugendi buning uchun ular yilandin qechishning ornigha uning bilen yuzleshti. Adette mashina weqesige uchrap mashina heydeshtin qorqup ketkenlermu eger zadila mashinigha yeqin kelmes boliwalsa menggu mashina heydiyelmey qoqup otup ketidu. Xitayning mexsidimu del shu, Uyghurlani qorqutup ulargha Uyghurning ajiz ikenligini hergizmu Xitaygha teng kilemeydighanlighini kuchlinelmeydighanlighini qobul qildurush. eger biz hemme yerde Xitay korup turidu, Xitay jazalaydu dep hichnerse qilishqa jur’et qilalmisaq, Xitaygha qarshi herqandaq soz we herkettin ozimizni qachursaq, qandaq qilip kuchlinishke bash qaturmisaq Xitay hichqandaq kuch ishletmeyla meqsidige yetken bolidu. Chunki yuqurida eytip otkinimizde, uruq tuqqanlarni goruge eliwelish Xitaygha qarshi chiqqan birnechche kishi uchun Xitayning jazasi, Xitaygha qarshi chiqmaydighanlargha bundaq jaza yoq, Xitay intayin yaxshi muamile qilidu deydighan bundaq bir ehwal mevjud emes, meyli siz qarshi chiqmang yaki chiqing putun Sheriqy Turkistan xelqiy gorude.
Bu qurlarni yeziwetip batur yurek flimidiki William Wallacening eskerliri dushmen intayin kop we kuchluk biz qirilip ketimiz, teng kilemeymiz qaytip ketip dihqanchiliqimizni qilayli digende uning: “qachisiler, qachqandin keyin yashaysiler emma haman bir kuni oyunglardiki kisel karwitida olusiler. Eger bugun qachmisaq, dushmen’ge bash egmigen, dushmen bilen elishalighan erkin bir insan supitide olup ketishimiz mumkin. Eger mushu minuttiki ashu dushmen bilen elishalighan erkinlikni, hazirdin bashlap kisel karwitinglardiki oluminglarghiche bolghan erkinliktin mehrum, ashu ariliqqa tegishimiz disengla qechingla, bolmisa men bilen mengingla” digen sozliri esimge keldi.
Qarighanda, bundin keyin bu milletning bir minut bolsimu erkin insan bolalash bolalmaslighi, bizning, bizni hazirdin bashlap ejilimiz keguche bolghan ariliqtiki qul hayatqa mehkum qilghan qorqunch kesilimizni, qandaq bir terep qilishimizgha baghliq bolsa kerek. Huddiy qaysidu bir meshhur shexs eytqandek, qehrimanlar yaki ghaliplar qoqushni bilmeydighan his qilalmaydighan kishiler emes belki qoqushni yingeliguchuler. Ene shular rohiyitidiki erkinlikni hichkimge tartquzup qoymay yashiyalaydighan kishilerdur.