ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەسپ تاللىشىغا مەسلىھەتمەلۇم دۆلەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغاسۆزلىگەن لېكسىيە
رۇقىيە تۇردۇش
ئەسسالمۇئەلەيكۇم! ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشتا قايسى كەسىپنى تاللش توغرىسىدا مىنى مەسلىھەت بېرىشكە چاقىرغىنىڭلر ئۈچۈن سىلەرگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەسلىدە مېنىڭ ۋە ياكى ھېچكىمنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوقۇيدىغان كەسىپنى بەلگىلەپ بېرىدىغان سالھىيىتى بولاسلىقى كېرەك. چۈنكى ھايات سىلەرنىڭ ھاياتىڭلر، بۈگۈن بىر نەرسىگە قانداق قارار بېرىشىڭلر، كەلگۈسىدە ھاياتىڭلرنىڭ قانداق بولىشى ۋە كىم بولىشىڭلرنى بەلگىلەپ قويىدۇ. مەن بۈگۈن بۇ يەردە پەقەت سىلەرگە كەسىپ تاللشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى چۈشىنىش، نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بەرمەكچى. كەسىپ تاللش ھەقىقەتەن قىيىن، ئىنتايىن باش قېتىنچىلىقى بار بىر مەسىلە. سىلەر چوقۇم، ئاتا – ئاناڭلرنىڭ، ئوقۇتقۇچۇڭلرنىڭ، دوستلۇرۇڭلرنىڭ «ئۇنى ئوقۇغىن، بۇنى ئوقۇمىغىن ئۇ ياخشى كەسىپ بۇ ناچار كەسىپ» دېگەندەك گەپلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈڭلرنى دەڭسەش مەسىلىسىمۇ بەزىلىرىڭلر ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىرىڭلر فىلىم ياكى كىتابلرنىڭ،مەشھۇر ئادەملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن گۈزەل خىياللرنى قىلىپ «مەنمۇ ئاشۇنداق بولسام» دىگەن بىر چۈش بىلەن بەزى كەسىپلەرنى تالليسىلەر، ئەمما شۇ كەسىپنى تاللىغاندىن كېيىن ، ئۇ كەسپنى بىر ئۆمۈر قىلىشنى خاليدىغان خالىمايدىغانلىقىڭلرنى كۆز ئالدىڭلرغا كەلتۈرۈپ باقمايسىلەر. مەسىلەن ،ئادۋۇكات بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلر «ئادۋۇكات بولسام، دۆلەت قانۇنلىرىغا ئارىلشسام، جىق پۇل تاپسام، پۇرسەت كېلىپ قالسا دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورۇنلرغا كىرسەم» دەپ ئويليسىلەر. ئەمما بەزىلەر ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى يەنى ھەر كۈنى باشقىلرنىڭ جېدىلى، ھەل قىللىغان مەسىلىلىرىنى سوتقا سۇنۇپ، سوتتا ئۇتۇش ئۈچۈن تالىشىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك خىزمەت بولسا، بەزىلەر ئۈچۈن زېرىكىشلىك، بېسىمى ئېغىر خىزمەت بولۇشى .مۇمكىن بەزىلىرىڭلر «دوختۇر بولۇپ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىپ ساۋاب ئالسام» دەيسىلەر، بەزىلەر بولسا دوختۇرنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باقسا شۇنداق زېرىكىشلىك ھەر كۈنى ئادەم بەدىنى بىلەن ھەپىلىشىدىغان، ئۇنىڭ ئۇستىگە كىسەل ئادەملەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان خوشاللىقى يوق بىر ئىش بولىشى مۇمكىن دەپ .قارايدۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەر پۈتۈن دۇنيادىكى كەسپ تاللىماقچى بولغان ھەممە بالىلرغا ئومۇمى بولغان مەسىلىلەر. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بالىلر قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ؟ ئۇلر دۇنيادىكى باشقا بالىلر يولۇققان مەسىلىلەر، يەنى ئۆزىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ نېمىنى ياخشى كۆرمەسلىكىنى توغرا بىلەلەسلىك، يەنى جەمىيەتنىڭ ، ئادەملەرنىڭ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ، باشقىلرنىڭ شان شەرىپى ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ غەلىبە قازانغان بىر ئادەم بولۇش ئارزۇسى بىلەن شۇ ئىشنى قىلىشقا يېتەرلىك قابىلىيىتى بارمۇ؟ ئۇلرنىڭ، مەسىلەن بىر كەسىپ ئىگىسىنىڭ شۇ كەسىپكە چىققاندىن كېيىن ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشى نېمە؟ بۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر قىلىشقا كۆنەلەمدۇ؟ بۇلرنى دەڭسىيەلەسلىك، ياكى بۇنىڭغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، بۇلرنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئارزۇ ئۈچۈن يىڭەلەش يىڭەلەسلىكىگە كۆزى يېتەمدۇ يەتمەمدۇ؟ پۇل تاپىدىغان كەسىپنى ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپنى ئوقۇش كېرەكمۇ دىگەندەك باش قېتىنچىلىقىدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك زىددىيەتلەرىگە يولۇقىدۇ: مەن بۇ كەسپنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن -1 ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟ باشقىلر ئۈچۈنمۇ؟ يەنى ۋەتىنىم خەلقىم ئۈچۈنمۇ؟ ئەلۋەتتە، ھەرقانداق كەسپ ئىنسانىيەتكە توغرا يولدا ئىشلەنسىل پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، سىز ئوقۇغان نەرسىڭىزنى سىز سۆيگەن ئىنسانلرغا، ۋەتەن مىللەتكە بىر پايدىسىنى كۆرەلىسىڭىز ، سىز ئۇ كەسپنى ھەرقانچە ياخىشى كۆرگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭدىن ھۇزۇر .ئاللايسىز ئەڭ ئاددى بىر مىسال بېرەي: ئەگەر دەرسلەردە يۇقىرى نومۇر ئالغىنىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمىسە، ساۋاقداشلىرىڭىزمۇ سىزدىن پەخرلەنمىسە، مۇئەللىمىڭىز ۋە ئاتا ئانىڭىز يۇقىرى نومۇر ئالغىنىڭىزدىن سۆيۇنمىسە، سىز ئۇ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەنلىگىڭىزدىن ئۆزىڭىزمۇ ئانچە ھۇزۇر ئاللايسىز. شۇنداقمۇ؟ شۇنداق بولغاچقا ئىمتىھانى ئۆزىدىن ئۆزى ئېلىپ ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ئوقۇيدىغان ئىش ئاساسەن يوق .ئىمتىھاننى مۇئەللىم ئېلىپ سىزگە باھا بېرىشى كېرەك ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باشقا بالىلردەك مۇستەقىل دۆلىتى يوق. ئەڭ .2 ئاۋال چوقۇم ئەڭ توغرا كەسىپنى تاللپ، ئۇيغۇرلر ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ دۆلەت قۇرمىغىچە باشقىلرنىڭ دۆلىتىدىكى باشقا بىرى يەنى كۆچمەن بولۇپ ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، كىملىك كىرىزىسىدىن يەن «مەن كىم؟ كىم ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن؟» دېگەن سوئاللرغا داۋاملىق دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مۇستەقىل ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغۇچىلر يەنى ئامېرىكا ئاتلىرىدىن بىرى بولغان جون ئادامسنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار:“ مائارىپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ئۆگىنىش ، يەنە بىرى قانداق ياشاش يەنى ئۆگەنگەننى قەيەرگە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش. ” بولۇپمۇ مۇستەقىل دۆلىتى بولىغان ئۇيغۇر باللىرىغا نىسبەتەن، مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشل ئەمەس ئاشۇ تەربىيەنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغان كەسپىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرالىشىم ئۈچۈن بىر پايدىسى بولمدۇ بولامدۇ .دېگەننى ئەڭ كۆپ ئويلشقا توغرا كېلىدۇ ئۇيغۇرلر ئىختىسادىي جەھەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا.3 ئاجىز بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلرنى قوللپ قۇۋۋەتلەيدىغان يىلتىزى ياردەمچىسىنىڭ بولاسلىقى سەۋەبىدىن كەلگۈسىدە ئۇتۇپ چىقىش مەسىلىسىدە قايسى كەسىپلەرنىڭ يولى ئوچۇق قايسىنىڭ يولى ئوچۇق ئەمەسلىكىنى بىلىشتىمۇ قىينىلىدۇ. مەسىلەن سودا كەسىپلىرىنى ئوقۇغان كاپىتالستنىڭ بالىلىرى ئاسانل تەرەققىي قىلليدۇ. چۈنكى ئۇلرنىڭ يىلتىزى بار. يىلتىزى يوق بالىلر بولسا، سودا كەسىپلىرىنى ئوقۇپ پۇتتۇرىسىمۇ نۆلدىن باشلىغانلىقى ئۈچۈن يىلتىزى بارلرغا قارىغاندا تەرەققىي قىلىشى قىيىنراق بولىدۇ. خوش، ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ مەن بىر كەسپ مەسلىھەتچىسى ئەمەس، سىلەرگە مەسلىھەت بەرگۈدەك سالھىيىتىممۇ يوق. ئەمما مەن سىلەرگە دۇنيا نەدىن نەگە كېتىپ بارىدۇ. بىز قانداق تاللشلرغا دۇچ كېلىمىز؟ دۇنيانى قانداق كۈچلەر كونترول قىلىدۇ؟ بىز بۇ كۈچلەرگە كىرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىزكېرەك؟ توغرىسىدا ئۆز كۆز قارىشىمنىل سۆزلەيمەن. تاللش سىلەردىن. بۈگۈنگە كەلگۈچە ئىنسانلر تاشقى دۇنيانى كۆۋرۈك سېلىپ ،ماشىنا ياساپ، دۆلەت ۋە شەھەرلەرنى قۇرۇپ كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلرنىڭ تاللىشىنى ئۇلرنىڭ ھەممە ئۇششاق ئىشلردا قارار بېرىش ھوقۇقىنى كونترول قىللىغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى دۇنيا بۇندىن كېيىنى دۇنيانى سۈنىي ئەقىل ۋە بىئو تېخنولوگىيە بىلەن كونترول قىلىدۇ. يەنى ئالىملر مۇشۇ ئىككى تېخنولوگىيە كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇ دۇنيانى سورايدۇ دىگەن قاراشتا. ئۇنداقتا سۈنئىي ئەقىل دىگەن نېمە؟ بىئو تېخنولوگىيە دېگەنچۇ؟ ئاددىل قىلىپ ئېيتسام، گوگۇلنىڭ سىزگە ئىزدىمەكچى بولغان ئۇچۇرنى ئىزدەپ بېرىشى، يۈز تونۇش كامەرىسى، ئاۋاز تونۇش ئۈسكۈنىسى، يول ماڭغاندا ئىشلىتىدىغان ۋە ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈن ئەپلەر ئىنسانلرنىڭ قانداق ھەركەت قىلىشىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، سىزگە سۈنئىي ئەقىل نۇرغۇن ئىشلرنى ناھايىتى تېزلىكتە قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، .سىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىڭىزنىڭمۇ يېرىمى بولۇپ قالدى چۈنكى سىز بىر يىل ۋاراقلپ ئاران تاپىدىغان بىر ئۇچۇرنى سۈنئى ئەقىل سىزگە ئىككى سېكىنوتتىل تېپىپ بېرىدۇ. بىر يىل ھىساپلىشىڭىز كېرەك بولغان سانلىق مەلۇماتلرنى بىرنەچچە مىنۇت ياكى بىرنەچچە سائەت ئىچىدىل ھېسابلپ بېرىدۇ. مانا بۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ كۈچى. ئەمدى بىئو تېخنولوگىيە دېگىنىمىز بىئولوگىيىلىك سىستىم، ھايات ئورگانلرنى ياكى ئۇلرنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىپ يىڭى مەھسۇلتلرنى ئىجاد قىلىشتۇر. شۇنداق بولغاچقا بىئو تېخنولوگىيە بىلەن سۈنئى ئەقىل ھەتتا ئىنسانلرنىڭ نېمە ئويليدىغانلىغىنېمۇ كونتۇرول قىلليدۇ. ئىنسانلرنىڭ ھاياتى ھەر كۈنلۈك ھەر دائىملىق قارار بېرىشلەر بىلەن تولغان بىر تىياتىرغا ئوخشايدۇ. دۇنيادىكى ھەر خىل ئىسىملر، ئىدولوگىيەلەر، پىكىرلەر، تەلەپلەر ھەممىسى ئىنسانلرنىڭ مەلۇم قارارنى ئەمەملگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق تاللشقا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. ئەمما بۈگۈنكى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كۈندىلىك ھەر بىر شەخسنىڭ نۇرغۇن كۈندىلىك ئۇششاق قارارلىرىنىمۇ ماشىنا تاللپ بېرىدىغان ھالەتكە ئۆتۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئامازوندىن كىتاپ ئالسىڭىز، ئۇ ئۇ دەرھال سىزنىڭ قانداق كىتاپنى ياخشى كورۇدىغىنىڭىزنى پەرەز قىلىۋالىدۇ ۋە سىزگە داۋاملىق سىز قىزىقىدىغان دائىرىدىكى كىتابلرنى تاللپ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۆيىڭىزگە ئولتۇرغان سىزنى دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى بىرى داۋاملىق كۆرۈپ تۇراليدۇ ۋە نېمە قىلىۋاتقىنىڭىزنى، نەگە بېرىۋاتقىنىڭىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. تېلىفونىڭىزدىكى ئۇچۇر، ئالقە ۋە يېزىشقان نەرسىلىرىڭىزنى ئوغرىلپ كېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكىمىتى خىتاينىڭ نۇرغۇن ئەپلىرىنى چەكلىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلر يەنە خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان ھالدا خىتاينىڭ نۇرغۇن ئەپلىرىنى تېلىفونىغا چۇشۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. فەيىسبۇك ۋە تۋىتتىرمۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، قانداق مەزمۇننى بېتىڭىزگە كۆپ چاپلىغان بولسىڭىز، ئۇلر داۋاملىق سىز قىزىقىدىغان شۇ دائىرىدىكى ئىنسانلردىن سىزگە دوستلۇق ئەۋەتكۇزۇپ، سىز قىزىقىدىغان دائىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلرنى سىزگە ئەۋەتىدۇ. مەسىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرچە نەرسىلەرنى كۆپ چاپلىسىڭىز ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرگە ئەگەشسىڭىز، دەرھال شۇ دائىرىدىكى كىشىلەر، يەنى نۇرغۇن ئۇيغۇرلر سىزگە دوستلۇق ئەۋەتكەن بولىدۇ. چۈنكى فەيىسبۇك ۋە تۋىتتىر سىزگە شۇنى تاللپ بېرىدۇ. بىئو تېخنولوگىيەنىڭ ئىنقىلپ خاراكتېرلىق تەرەققىياتى ،بەلكى ئىنسانلرنىڭ مېڭىسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ۋە ياكى ھاياتىنى ئۇزارتىليدۇ. ياكى مېڭىسى قۇرۇتۇلۇپ كونترول قىلىنىدۇ. بەلكى سۈنئىي ئەقىل بىزگە مۇھىم قارارلرنى ئېلىپ بەرەلەسلگى مۇمكىن ، چۇنكى مۇھىم قارالر يەنىل ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە ھىسسىياتى بىلەن باغلىق دەپ قارايمىز. چۈنكى سۈنئىي ئەقىل ئىنسان ئەمەس،بەلكى ئۇ بىر ماشىنا. مەسىلەن، ھەيدەۋاتقان ماشىنىڭىز سۈنئىي ئەقىل بىلەن كونترول قىلىنغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر باشقا ماشىنىغا ئۈسۈپ سالا دېگەن سۆزنى پروگرامما قىلىپ كىرگۈزگەن بولسىڭىز، ئۇ يولدىكى ئۆزىگە ئۈسمەكچى بولغان باشقا بىر ماشىنىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا ئۇسمەسلىكى ئۈچۈن ياندىكى بىر كىچىك بالىنى دەسسەپ ئۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنى ئىنسان ھەيدىسە بەلكى ئۇ ئىنسان باشقا ماشىنىغا ئۈسكەن تەغدىردىمۇ كىچىك بالىنى دەسسىمەسلىگى مۇمكىن. يەنە مەسىلەن، ئىنسان دىپلومات قارشى تەرەپنىڭ مىجەزى ۋە كەيپىياتىنى تەھلىل قىلىپ جانلىق مىتوت قوللىناليدۇ. ئەمما ماشىنا دىپلومات ئۇنداق قىللايدۇ دېيىشىمىز مۇمكىن.لېكىن، ئۇنداق ئەمەس، ماشىنا دىپلوماتمۇ قارشى تەرەپنىڭ يۈز ئىپادىسىنى ئىنسان دىپلوماتتىن تېز سۈرەتتە تەھلىل قىلىپ ئۇنىڭ نېمە ئويلۋاتقىنىنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئەگەر ماشىنىغا توغرا ئەقىل كىرگۈزۈلسە ماشىنا ئىنساندىنمۇ ياخشى ۋە توغرا تەھلىل قىلىپ بېرەلەيدۇ. يەنە مەسىلەن ئاليلۇق، سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق دۇنيادىكى پۈتۈن دوختۇرلر ۋابا ۋاكسىنىسىنى بىر بىرى بىلەن مىنۇت سېكىنوتنىڭ ئىچىدە ئالقە قىلىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا كۈچىيەلەيدۇ. ئەگەر سۈنئىي ئەقىل بولىغان ئەھۋالدا، تېز سۇرەتلىك ئالقىلىشىش بولىغانلىقتىن، كىمنىڭ قەيەردە قانداق ۋاكسىنا ياسىغانلىقى ھەققىدە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالىغان تەغدىردىمۇ، بىرلىككە كېلىش تەسلىشىدۇ. يەنى، ھەممىسىنىڭ تەتقىقاتى ئۆز ئالدىغا بولغانلىقتىن، ئۇچرىشىش، سېلىشتۇرۇش، مۇزاكىرىلىشىش پۇرسىتىدىن ئىبارەت پايدىلىق شارائىت ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەمما يەنە قورقۇنۇچلۇق بىر تەرىپى، بەلكىم ھەممە دوختۇر سۇنئىي ئەقىل ئارقىلىق بىر يالغۇز سىستىمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، سۇنئىي ئەقىل بىر دورىدا خاتا قارار بېرىپ قالسا بىرل دوختۇرغا تەۋە رايوندىكى ئەمەس ئاشۇ سېستىمىغا تەۋە پۈتۈن رايوندىكى كېسەللەر خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن. كومپۇتېر ۋە ماشىنا ئىنسانلردىن نەچچە ھەسسە تېز سۈرەتتە ئىشلىسىمۇ، ئىنسانلر قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇلرنى كونترول قىلىۋالسىمۇ، ئەمما ئۇلردا تۇيغۇ ۋە ھېسسىيات يوق. ئىنسانلر ئۇنىڭ مېڭىسىگە نېمىنى كىرگۈزسە شۇنى قىلىدۇ. دېمەك كومپۇتۇر ۋە ماشىنىنىڭ مېڭىسىگە ئۆز ئىدىيىسىنى كىرگىزگۈچىلر بۇندىن كېيىن بۇ دۇنيانى كونترول قىلىدۇ. خىتاي دەل شۇنىڭ ئۈچۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرلرنى تەجرىبە قىلىپ، سۇنئىي ئەقىل ۋە بىئو تېخنولوگىيە ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىمەن دەۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلرنىڭ ئەركىنلىكىگە قىممەت بېرىدىغان غەرب دۇنياسى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۇشتى ۋە خىتاينى توختۇتۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ تەجرىبە ماتېرىيالىغا ئايلنغان ئۇيغۇرلرنى قۇتۇلدۇرۇشقا، خىتاينىڭ تەجرىبە قىلىپ تەرەققىي قىلىش كۈچىنى كېسىشكە كۈچەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتايدىن ئىبارەت بىر ياۋۇز دىكتاتور سۇنئىي ئەقىل ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىۋالسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن ئىنسانلرنىڭ ھالى ئۇيغۇرلردىنمۇ بەتتەر بولشى مۇمكىن. ئەمدى ئەسلى تېمىمىزغا كەلسەك، ئەگەر ئۇيغۇر بالىلر ئوقۇغىنىنى ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن دەيدىكەن چوقۇم باشقىلرنىڭ كونتروللۇقى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كەسىپلەرنى ئەمەس باشقىلرنى كونترول قىلىدىغان كەسىپلەرنى ئوقۇش كېرەك. دۇنيا سىياسىتىنى تۈزگۈچى سىياسەتچىلەر، ئەمەلىيەتتە ئىختىسادشۇناسلر تۈزگەن قائىدىلەرگە بانكىچىلر ۋە سودا ئىگىلىرى تۈزگەن پەلسەپىگە ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ، بۇندىن كېيىن بولسا، بۇ سىياسەتچىلەر سۇنئىي ئەقىل تۈزگەن قائىدىلەر بويىچە قارا چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن بىر دۆلەتنىڭ ئىختىسادىي تۈزۈلىسىنى تەھلىل قىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن پروگرامما بويىچە نېمە دەيدىغانلىقى شۇ دۆلەت سىياسەتچىسىنىڭ ئىختىسادىي جەھەتتىكى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ياسالغان ماشىنىلرنى ئىشلىتىش تېخنىكىسىل ئەمەس، بەلكى شۇ ماشىنىنىڭ مېڭىسىگە كود ئارقىلىق نېمىلەرنى كىرگۈزۈشنى ئۈگۈنۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بەلكى سىياسەت پەلسەپەسى، تۇرمۇش پەلسەپەسى، ئىختىساد پەلسەپەسى ، قانۇن پەلسەپەسى دىگەندەك ھەر ساھەنىڭ پەلسەپىسىنى بىلىش ۋە يېڭى پەلسەپەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. سۈنئىي ئەقىل، ئادەمسىز ماشىنا قوراللر، ئادەمسىز ئىشلەمچىلەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنسانلرنى ئىشسىز قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئوقۇيدىغان كەسپىڭلر سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ماشىنا قىلليدىغان كەسىپلەر ئەمەس، ماشىنىنى قىلدۇرىدىغان كەسىپلەر بولۇشى كېرەك. بولىسا سىز قىلىدىغان ئىشنى ماشىنا قىلىدىغانلىقتىن ئىشسىز قېلىشىڭىز مۇمكىن.