ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ دىيىشكە سەۋەبىمىز بارمۇ؟ Uyghurlar Yoqalmaydu Diyishke Sewebimiz Barmu?
ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ دىيىشكە سەۋەبىمىز بارمۇ؟
كىشىلەر ئادەتتە گۇزەللىكىدىن، باشقىلاردىن سەل زىيادە ئەقلىدىن، بالىلىرىنىڭ بەخىتىدىن، كەسپتىكى نەتىجىسىدىن ، تاپقان پۇلىدىن، توي قىلغان قىز – يىگىتىدىن ۋە ھەتتا ئۇ يەر بۇ يەرگە قىلغان ساياھەتلىرىدىنمۇ پەخىرلىنىدۇ. ئەمما يىلتىزىدىن، مۇستەقىل دۆلىتىدىن، شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان مىللىتىدىن ۋە بۇ مىللەتنى مىللەت قىلالايدىغان، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئىنسانىيەتنىڭلا ئەمەس ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇدلۇغىنى جۇلالاندۇرالايدىغان ئالىملىرىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ ئەنە شۇ يىلتىزىغا،ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپرىقىغا ۋە مىللىتىگە مېلىنى، جېنىنى ھەتتا بارلىقىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشى قانچىلىك؟ ئەنە شۇ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كۆركى بولغان سەنئەتكارلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشى قانچىلىك؟
پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىر ئىنساننىڭ ياشاشقا بولغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبلىرىدىن بىرى. پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىغان ئىنسان تۈگەشكەن، يوقۇلۇۋاتقان ئىنسان. پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىغان ياكى پەخىرلەنگۈدەك ھىچنەرسىسى بولمىغان مىللەتمۇ ئۆلگەن مىللەت. ئۇيغۇرلار ئۆلۇۋاتامدۇ؟ تۈگەشتىمۇ؟ تۈگەپ كېتەمدۇ دىگەندەك سوئاللار يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرغىن قىلىشىنىڭ ئۇزلۇكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىشكە باشلىدى. ياشاشقا، ئولمەسلىككە، تۇگىمەسلىككە سەۋەبىمىز بارمۇ؟ دىگەن سوئالنى سوراپ باقايلى. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئەسلى مېنىڭ دۆلىتىمتى، مەن ھامان بىر كۈنى قايتۇرۇپ ئالىمەن ۋە قايتىپ بارىمەن دەيدىغان ۋەتىنىمىز بار. گەرچە قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتتلەرگە ئوخشاش، ئىگە چىققۇدەك بىر پارچە يېرى يوق ۋەتەنسىز مىللەت ئەمەسمىز. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھازىرقى دۇنيادا كۆز ئالدىمىزدىلا ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ياراتقان توھپىسى بىلەن بۆگۈنىمىزنىڭ سەھىپىسىگە شەرەپ تامغىسى باسالىغان ئالىملىرىمىز بار. گۇزەللىكى بىلەن دۇنيانى تاڭ قالدۇرالايدىغان مەدىنىيەت سەنئىتىمىز بار. مۇستەقىل دولىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئىرادىسىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان، مۇستەملكە بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان نۇرغۇن قەھرىمانلىرىمىز، جان تىكەرلىرىمىز بار. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەنە شۇلار بىلەن نامايەندە بولىدۇ. بىز ئەنە شۇلارنىڭ ئىگىسى! ئەمما بۇنىڭدىنمۇ پەخىرلىنىشنى بىلمىسەك، ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلىمىسەك، قوغدىمىساق بۇ مىللەتنىڭ قاتىلى خىتاي ۋە ياكى باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئوزىمىز بولۇپ قالىمىز. 1787- يىلى مۇستەقىل ئامېرىكا دولىتىنى قۇرغۇچى دۆلەت ئاتىللىرىدىن بىرى بولغان بېنجامىن فرانكلىن ئاساسىي قانۇن تۇزۈشكە قاتنىشىپ قايتىپ چىقىۋاتقاندا بىر ياش ئايال ئۇنىڭدىن: “در. فرانكلىن، قانداق بولدى؟ پادىشالىق تۇزۇمگە ئەرىشتۇقمۇ دېموكراتىك تۇزۇمگىمۇ؟ “ دەپ سورايدۇ. بەنجامىن جاۋاپ بېرىپ: “جۇمھۇرىيەت تۇزۇمىگە ئەگەر سىز تۇتۇشنى بىلسىڭىزلا” دەيدۇ. ھەر بىر ئامېرىكىلىق فرانكېلنىنىڭ بۇ سۆزىنى تا بۆگۈنگىچە قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان ئايەتتەك ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشالىقنىڭ تۈزۈمىنىڭ دەل ئەكسى بولغان، پېرزدېنتنى خەلق سايلاپ چىقىدىغان بىر تۇزۇم ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇيغۇر تۈگىشەمدۇ؟ ئۇيغۇر يوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟ دىگەن سوئالنىڭ جاۋابى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدە. ھەر بىر ئۇيغۇر بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بۇ سوئالنى سوراشتىن ئاۋال ھەر بىر ئۇيغۇر، بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك، غۇرۇرلىنىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك نەرسىلىرىنى قەدىرلەشنى، قوغداشنى بىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ قىممەتلىكلىرىمىزلا بولىدىكەن ئۇيغۇر يوقالمايدۇ.
Uyghurlar yoqalmaydu diyishke sewebimiz barmu?
Kishiler adette, guzellikidin bashqilardin sel eship ketken eqlidin, ballirining bexitidin, kesptiki netijisidin, tapqan pulidin toy qilghan qiz yigitidin we hetta u yer bu yerge qilghan sayahetliridinmu pexirlinidu. Emma yiltizidin, musteqil dolitidin shu doletning igilliri bolghan millitidin we bu milletni millet qilalaydighan, insaniyetke qoshqan tohpisi insaniyetningla emes oz millitining mevjudlughini nur chashturalaydighan alimliridin pexirlinishni bilidighanlar qanchilik? Ene shu yiltizi, yetilgen tupraqqa we milletke shexsiyitini, jenini barliqini qurban qilghan qehrimanliridin pexirlinidighan kishi qanchilik? ene shu wetenning milletning guzelliki bolghan senetkarliridin pexirlinidighan kishi qanchilik?
Pexirlinish tuyghusi bir insanning yashashqa bolghan eng kuchluk sewebliri, pexirlinish tuyghusi bolmighan insan tugigen yoquluwatqan insan, pexirlinish tuyghusi bolmighan yaki pexirlengudek hichnersisi bolmighan milletmu olgen millet. Uyghurlar oluwatamdu? Tugidimu? Tugep kitemdu digen soallar yeqindin beri Xitayning Uyghurlarni tup yiltizidin qirghin qilishining uzluksiz dawamlishishi bilen kuchiyishke bashlidi. Yashashqa olemske tugimeske sewebimiz barmu? digen soalni soarp baqayli. Bizning, bu esli mening dolitimti men haman bir kuni qayturup alimen we qaytip barimen deydighan Sherqiy Turkistandin ibaret wetinimiz bar. Gerche qoldin ketken bolsimu dunyadiki nurghun millettlerge oxshash, ige chiqqudek bir parche yeri yoq wetensiz millet emesmiz. Burunqisini qoyup turayli, hazriqi dunyada koz aldimizdila insaniyet dunyasigha yaratqan tohpisi bilen bugunimizning sehipisige sherep tamghisi uralighan alimlirimiz bar. Guzelliki bilen dunayni soyundureleydighan mediniyet senitimiz bar. Musteqil dolitimizni qayturup elishtin waz kechmeydighan mustemlke bolushtin olumni ela bilidighan nurghun qehrimanlirimiz jan tikerlirimiz bar. Bir milletning mevjudlughi ene shular bilen namayende boidu. Biz ene shularning igisi! Emma buningdinmu pexirlinishni bilmisek, ozimizde ba nersilerni qoghdap qedirlimisek bu milletning qatili Xitay yaki bashqa birsi emes del ozimiz. 1787- yili musteqil Amerika dolitini qurghuchi Amerikiliqlarning atilliridin biri Benjamin Franklin, ana qanun tuzeshke qatniship qaytip chiqqanda bir yash ayal uningdin soraydu : Dr. Franklin, qandaq boldi? Padishaliq tuzumge erishtuqmu democratic tuzumgimu? “ Benjamin jawap berip: “ republic tuzumke eger siz tutushni bilsingiz” deydu. Bu her bir Amerikiliq qimmet qarishini qoghdash uchun bugungiche ayettek eside tutup keliwatqan we emilileshturup keliwatqan bir jumle soz. Republic tuzum xelq president saylap chiqidighan padishaliqning del eksi bolghan bir tuzum ikenligi hemmimizge ayan. Uyghur tugemdu? Uyghur yoqulup kitemdu? Digen soalning jawabi her bir Uyghurning ozide. Her bir Uyghur buningha jawap bireleydu. Bu soalni sorashtin awal her bir Uyhgur, bu milletning mevjudlighini korsutuwatqan pexirlinishke tegishlik ghurur tuyushqa tegishlik qimmetliklirini tutushni qedirleshni qoghdashni bilishi kerek. Ene shu qimmetliklirimizla bolidiken Uyghur yoqalmaydu.