Biz kim xitay kim? بىز كىم، خىتتاي كىم؟
Awazda: Heqqaniy
رۇقىيە تۇردۇش
ئۇيغۇرلاردىن باشقا يات خەلقلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا قېرىنداش مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەمىشە قوللاپ قۇۋەتلەيدىغىنىدىن ھەيران ۋە ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئاساسەن چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ خىتتاينىڭ “ئىرىقچى ” قورالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، دىپلوماتىك ئويناش ئۈچۈن ۋە ياكى تاجاۋۇزچى خىتتاي خەلقىنى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىگە قوشۇپ قارىلاشنىڭ ئىنسانلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىغا چۈشمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، خىتتاي خەلقىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئادىمىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ كەلدى، بۇ كۈچەشتە دۈشمەنلىكنى ياخشى كۆرمەيدىغان خەلقئارانىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق تەرىپىمۇ بار. ئەمما بۇ تاكتىكىلار خىتتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بىرى تەكرارلانغان بولسىمۇ زادىلا غەلبە قىلمىغان ئۆلگەن تاكتىكىلار ئىدى. ئەمما نۇرغۇنلىرىمىز يەنىلا ئۈمىدتە. زامان ئۆزگىرىدۇ خىتايلارمۇ ئۆزگۈرۈپ قالا، ئەجىبا ئۇلاردىن پايدىلانساق ئەقىل بىلەن ئوينىغان بولمامدۇق؟ دەيدۇ. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىمۇ خىتتاي خەلقىنى بېيىتىپ ئۇلارنى دېموكراتىيەگە ئەكىرىش ئارقىلىق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى يىقىتماقچى بولغان ئىدى، ئەمما خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇلارنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، تېمىغا كەلسەك تاجاۋۇزچى خىتتاي خەلقى راستىنلا ئۆزگۈرۈپ قالارمۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن، خىتاي خەلقىنىڭ ھىممىتىگە مۇراجىئەت قىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز خەلقىگە تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتى، (قىزىقتۇرۇش ۋە كۈشكۈرتۈش يولى بىلەن) خىتتاي مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ۋە خىتتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى قاتارلىق نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار بار. بۇلارنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ئاساسىي ئامىل ئەمەس. بۇنىڭ ھەممىسى ختتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سەلبىي تونۇشىغا تۆھپە قوشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىي بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ ئېنىق، كۆپ ئويلاپ تەھلىل قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان، تولىمۇ رېئال بولغان بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تاجاۋۇزچىلار بىلەن تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدىغان مۇناسىۋەت.
مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياخشى تەھلىل قىلىنغان، ئەمما خىتتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە دۇنيا بۈگۈنگە قەدەر سەل قاراپ كەلدى. خۇددى خىتتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت خىتتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىدەك، مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسى ياكى مەنچىڭ، شۇنداقلا موڭغۇل يۈەن سۇلالىسى قاتارلىق ئىمپېرىيەلەرنىڭ بۇ رايوننى مۇستەملىكە قىلغانلىقى بۇ زېمىننىڭ خىتتاي زېمىنىغا ياكى خىتتاي دۆلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغاندەك، خۇددى بۇ رايون خىتتايلارنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسى يىقىلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇستەملىكىسى ئەمەستەك، بۇ رايوندىكى خىتتاي كۆچمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداقتۇر مۇستەملىكىچىلىك ئەمەس، بەلكى خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ھەق ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدەك مۇئامىلە قىلىنىپ كەلدى. ئەگەر بىز بۇ مەسىلىگە مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋەت كۆزى بىلەن قارىغىنىمىزدا، دۇنيانىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەمچىلىكىنى قىرغىنچىلىق نىيىتىنى نەزەرگە ئالمىغانلىق بىلەنلا قالماي بەلكى بۇنىڭلىق بىلەن تارىم ۋە جۇڭغارىيەنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى دەپ تونۇلۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكنى كۆرىمىز…
بىز پەقەت خىتتاي مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ جەمئىيەت شارائىتى ياراتقانلىقىنىلا تەھلىل قىلىپ قالماي بەلكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشتە قانداق رول ئوينىغانلىقىنىمۇ تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك. غەربلىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە كىملىكىنى ئېنىق ياكى تولۇق كورمەسلىكىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكى زېمىنلىرى پۈتۈنلەي يىراقتا ئىدى، شەرقىي تۈركىستان بولسا خىتتاي بىلەن قوشنا ئىدى، شۇنداق بولغاچقىمۇ بۇ زېمىنلار كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ كۆزىگە خۇددى خىتتاي تېرىتورىيەسىگە تەۋە ئاسىيا زېمىنلىرىدەك كۆرۈنۈپ كەلدى.
خىتتاي ھۆكىمىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل خىتتايلارنى ھەتتا يېڭى دەۋىر ياش ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇرمىلانغان تارىخى بىلەن تەربىيىلىدى. ئەلمىساقتىن خىتتاي تارىخى دەرسلىكلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى سۆزلەنمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا، ئېتنىك خىتتايلار ۋە ياش ئەۋلادلار ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار(840-1212) دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك سەلتەنىتىنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. خىتتايلار پۈتۈن يازما ۋە ئېغىزچە تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ زېمىن خىتتاينىڭ خان سۇلالىسىدىن تارتىپ خىتتاينىڭ ئىدى.
بۇ يەردە ئۇيغۇرلار يوق ئىدى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، خەن سۇلالىسى پەقەت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120- يىلى قىسقا ۋاقىت تارىم ۋە جۇڭغارىيەدىكى كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر كىچىك بۆلىكى تۇرپاننىلا ئىگىلىۋالغان. خىتتاي مىللىتى خىتتاي دۆلىتىنىڭ 1949-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇپ بولالمىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ ياكى قەستەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇمۇ خىتتاينىڭ تارىخى ھېكايىلىرىدە يوق ياكى بولسىمۇ بۇرمىلانغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇب قىلغانلىقى ۋە 1864- يىلى «يەتتە شەھەر دۆلىتى» ( قەشقەرىيە سۇلتانلىقى ) دەپ ئاتالغان مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن كەلگەن ماتېرىيال خىتتايدا توغرا شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلمايلا قالماي بەلكى بۇرمىلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1884-يىلى مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرىكى تارىخ ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى سىياسىي تارىخى ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكەن تارىخى خىتتاي رەسمىي تارىخىدا ئۈنۈملۈك بۇرمىلانغان. خىتتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ 1933- يىلى ئىسلام شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1944- يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قانداق قىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق كىتاب ياكى تارىخىي ھۆججەتلەرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتتاي كومپارتىيىسى دۆلىتى ۋە ختتاينىڭ مىللىي كىملىكى بەرپا قىلىنىشتىن ئالتە يىل ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى.
پەقەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە شاھىت بولغان ياشانغان ئۇيغۇرلار باللىرىغا خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستالىن بىلەن پىلان تۈزگەنلىكى ۋە 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا پىچىرلىيالايدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتتاينىڭ ئېغىر تاجاۋۇزىغا قارىماي، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىكار قىلىنىش ( Decolonization) دەۋرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتتاي زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ خىتتايغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئەمەس خىتاينىڭ ئەزەلدىن بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يالغان تارىخنى كۆتۈرۈپ چىقىشتا غايەت زور قانۇنىي كاپالەت بەردى. ئەمما بۇ زېمىن خىتتايغا تەۋە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتتاي بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، يەنىلا خىتتاي ئۈچۈن بىر ھېرىس ئىدى ۋە بۇ زېمىننىڭ خىتتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەپ قويىدىغان جانلىق پاكىت ئىدى. ھەتتا«سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ئۆزىلا، خىتتاي بىلەن بولغان تەبىئي ۋە لوگىكىلىق پەرقنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ بۇ زېمىننىڭ خىتتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ پەرقلەردىن تەشۋىشلەنگەن خىتتاي ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىننىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋە تارىخىي سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلدى ۋە بۇنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئىستىراتىگىيەلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قىرىپ تۈگىتىۋېتىش، قۇل قىلىپ ۋەيران قىلىۋېتىش، بۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن سۇپۇرۇپ تاشلاشنى پىلانلىدى. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك خىتتاينىڭ بۇ پىلانى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. خىتتاينىڭ بۇ پىلانىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى تاجاۋۇزچى خىتايلارلا ئەمەس بەلكى يېڭىدىن تاجاۋۇزچى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىشنى تاللىغان بارلىق خىتتايلار ئەڭ ئاكتىپ قوللايدۇ. چۈنكى خىتتاي ھۆكىمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ياكى يوشۇرۇپلا قالماي، يەنە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلانغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ، تېكىست كىتابلىرى ، خىتاي دۆلەت ئاخباراتلىرى ۋە سىياسىي تەلىمات دەرسلىرى بىلەن كىشىلەرنى تەربىيلەيدۇ. يېقىندا خىتتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئېلان قىلغان يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب خىتايلىقلارنىڭ ئۆز ۋىجدانىنى ئاقلىشىدا، تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرىشىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. چۈنكى بۇ ئۇلارغا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىر تالاي يالغان يوللۇق باھانە – سەۋەبلەرنى تېپىپ بەرگەن ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ۋە خىتتاينىڭ جاھانگىرلىك تارىخى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە باشقا مەنبەلەردىن كۆرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن نۇرغۇن خىتتايلىق پىراپپىسورلار ۋە خىتتايلىق ئوقۇغۇچىلار تارىختىكى پاكىتلارنى غەزەپ بىلەن رەت قىلىدۇ ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. باشقا پاكىتلارنى، ئۇلارنىڭ ھەقسىزلىقلىرىنى كۆزىگە تىقىپ قويسىڭىزمۇ يەنىلا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى قوللايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ شەك-شۈبھىسىزكى، خىتتايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۇقۇمىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق بىر خىتتاي پۇقراسى كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ مىللىي مەنپىئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زېمىن خىتتاي ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك، ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا بارىدىغان ئاساسلىق دەرۋازا بولۇپ، خىتتاينىڭ كېڭىيىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. خىتاي پرېزىدېنتى شى جىن پىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك قىممىتىنى تەكىتلىگەن يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسىدىن بۇيان، خىتتاي خەلقى بۇ رايوندىكى بارلىق كوممۇنىست ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا خىتتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ھامان بىر كۈنى قۇرۇق قېلىشىنى كۆرسىتەتتى ۋە ئۇلارنى ئەندىشىگە سالاتتى. شۇنداقلا يەنە كۆپۈنچە خىتتايلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقانچە رەھىمسىزلىك بولسىمۇ، خىتتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەممە نەرسىنى قوللاش خىتتاينىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق مەسىلىسى. ئېنىقكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى خىتتايلارنىڭ مىللەتچىلىكى ۋە زومىگەر كۈچ بولۇش ئارزۇسىنى كۈچەيتىۋەتتى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتتاينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشى خىتاينىڭ تېخىمۇ خورىكىنى ئۆستۈرىۋەتتى. دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئالدىرىغان خىتتاي ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىش پىلانىنى توسقۇنسىز بىر ھالدا پىلانلىق ئېلىپ بېرىشقا ئۆتتى. دېمەك ئۇلار ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بارغان رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەتلا قۇربانلىق بولغىنىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە نەپكە ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان. چۈنكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا ۋاكالىتەن تېررىتورىيىلىك مۇستەملىكىچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يېقىنقى ئون يىلدا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بوش ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بۇراپ، لۇغىتىدە «تېرورلۇق»دېگەن خەتمۇ تېپىلمايدىغان تىنچپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنى تېرورچىلىق تامغىسى بىلەن ئەيىبلەپ ھەممىلا ئۇيغۇرنى تېرورچىغا چىقاردى. خىتتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىسلامنى ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسى دەپ ئاتاپ خىتتايلار ئارىسىدا ۋە دۇنيادىكى ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ يېقىن مۇسۇلمان ئىتتىپاقداشلىرىغا بۇ نەرسە ھېچ تەسىر قىلمىدى، ئىسلامنى «ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسنى»كۆرگەن خىتتايلارمۇ بۇ مۇسۇلمان دوستلىرىغا ھېچقاچان ۋىرۇس مۇئامىلىسى ئىشلەتمىدى. بىز يەنە، بەزى خىتتايلار گۇناھسىز، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلانغان مائارىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان خىتتايلىقلار دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەنە شۇ خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ناھەقچىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشى شۇنچە تەسمۇ؟ ھەتتا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسىگە يولۇقسا نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟ نېمىشقا خىتتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئاشۇ خىتتاي دېموكراتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇيۇ، خوڭكۇڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر رەت قىلمايدۇ؟ مەن بۇ سوئاللارنى نۇرغۇن خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن سورىدىم. ئۇلارنىڭ جاۋابى بىر بىرىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ: «كۆپ سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئادالەتسىزلىك بار، بۇنىڭ خىتتاي خەلقى بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق. خىتاي خەلقىمۇ ج ك پ نىڭ قۇربانى. ئەگەر مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنسىڭىز قان تۆكۈلۈش، ئۇرۇش بولىدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭلاشقا مەن مۇستەقىل دۆلەت بولۇشۇڭلارنى قوللىمايمەن». مەن ئۇلاردىن «ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان ئىگىلىك ھوقۇقۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ئىكەنلىكىگە قوشۇلامسىز؟ ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچلىق يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىغىچۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا. ئۇلار داۋاملىق مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى دەپ قارار قىلسا، مەن قوشۇلىمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مەن قوللىمايمەن ». ئەجىبا ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىدىغان قارارنىڭ چوقۇم بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئوتۇدىغانلىقى ۋە خىتتاينىڭ بۇ كېڭەشتىكى بەشنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، رەت قىلىشقا بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلمەمدۇ؟ بىلىدۇ، ئەلۋەتتە. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى نەيرەڭۋاز خىتتاي دېموكراتچىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، تەيۋەن ۋە خوڭكۇڭ خەلقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ھەركەت قىلىدىغان مۇستەملىكىچىلەر ئەمەس.
بەزى تەتقىقاتچىلار خىتتاي خەلقىنىڭ مەيلى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى نەقەدەر ناچار، دىكتاتور، ھەقسىز ۋە رەھىمسىز ھۆكۈمەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، يۇقىرى دەرىجىدىكى سادىقلىق بىلەن ئۆز ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىشىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلىپ كەلدى. چۈنكى خىتتاي مەدەنىيىتىدە تۆۋەننىڭ يۇقىرىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئەمما مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىزلىقىغا بويسۇنۇش ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى، ئىنسانىيەتكە قارشى، خەلقئارادا قانۇنسىز سىياسەتنى ئاكتىپ قوللىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. يالغۇز ئىتائەت قىلىش مەدەنىيىتىلا خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلالمايدۇ. ئېنىقكى، خىتتايلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئاجىز ۋە كېسەل كۆرپىسى خەلق دېگەن خورلۇقىنى يېڭىش ئۈچۈن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى تىكلەشكە ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئەتىنىك ئاشقۇن مىللەتچىلىكى بىلەن دۆلىتىگە ئىتائەتچان بولۇش مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن ھۈكۈمرانلىق قىلىشقا ئىشلەتتى.
بۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كونترول قىلىش خىتتايلارغا ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېس قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس داررېن بايلېر خىتتايلىق خىتاي دوستلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، بۈيۈك خىتتاي مىللىتى پىلانى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئۇلارنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ ئۇخلاشقا تەيىنلەنگەندە «دويىن» گە يوللىغان ۋىدېئولىرىنى كۆرۇپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ ۋىدېئولارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈمران ۋە ئۈستىن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىدىن قانچىلىك ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېرىقچىلىق قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن خىتايلاردىمۇ مەۋجۇد. تېر خەۋەر مۇخبىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋۇستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدا ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا، خىتتايدىن كەلگەن خىتتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇخبىرنىڭ: «سىزنىڭچە، ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن جازا لاگېرىغا ئېتىشى توغرىمۇ؟» دەپ سورىغاندا! توغرا – دېگەن جاۋابى ھەممە كىشىنى چۆچۈتىۋەتتى.
خىتتاينىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى مەسىلىسى، مىللىي مەنپەئەتى، خىتتاي جاھانگىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەرەپلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بولغان ئاساسىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت خىتايلىق كۆچمەنلەرگە بىۋاستە نەپ يەتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارغا كەسىپتە تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تاجاۋۇزچى بولۇش ئۇلارغا بىكارلىق يەر، ئۆي، پۇل، مال-مۈلۈككە ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىپلا قالماي يەنە، تالان-تاراج قىلىش پۇرسىتى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە خارلاپ ئويناش پۇرسىتى، سودىدا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتتايلىق ئەرلەرگە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى تەقدىم قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ قىزلار قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى جازا لاگېرلىرىغا سولىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى جازا لاگېرلىرىدىن ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان. نېمە دېگەن پايدىلىق شەرت! ھەممە ئىش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن قىلىنغان. ئۇلار بۇ رايوننىڭ قانداقتۇر خىتايلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بۇ پايدىغا ئېرىشىش جىنايىتىنى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلىقىنى ئارام تاپقۇزماقچى بولىدۇ.
خىتتاينىڭ خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئۇلار ئېرىشكەن بىۋاستە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۈستۈنلۈك تىكلەش، روھى جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈش ئىستىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋە بۇنىڭ ئۆزىلا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر بىر كىچىك يوقۇتۇشى ياكى مەھرۇم قىلىشى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئاچلىقىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى. ئۇيغۇرلار قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغاندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھۆكۈمرانلىق خۇشاللىقىغا تولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمىغاندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەرلىكلەرنىڭ بۇ زور يوقۇتۇشىدىن غەلبە ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى رەت قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا، ئۇلار ھۆكۈمىتىنىڭ: «ئىسلام بىر خىل ۋىرۇس» دېگەن باياناتىنى ماختاپلا قالماستىن، ئەخمەقلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى«يۇقىرى مىللەت»دەپ ئويلىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىگىنىدە ۋە تۆۋەن كۆرگىنىدە، ئۆزلىرىدە بىر خىل شەخسىي كۈچ ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئىشىنىشكە مەجبۇرلانغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدېئولوگىيە، بىز ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز، بىز بەك ئادىل، سەمىمىي خەلق دەپ ئويلىدى. ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىپ، يېتىم بالىلار جازا لاگېرىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەندە، ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى خىتتاي مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋاقىتتا، ئۇلار؛ ئۇيغۇرلا بۇ تەقدىرگە لايىق دەپ قارىدى ۋە ھېلىھەم شۇنداق قارايدۇ.
خىتتايلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئىمپېرىئالىست كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قوللاپ شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىدا نۇرغۇن ئامىللار بولىشى مۇمكىن، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچىلار بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم مۇناسىۋەتتە توپلىنىدۇ. بۇنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەيلى قانداق ئىنكار قىلسۇن، يالغان سۆزلىسۇن ۋە ياكى كۆرمەسكە سالسۇن، ئۆزلىرىنى دۇنيادا تاجاۋۇزچى ئەمەس قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن مەيلى قانچە تىرىشسۇن تارىخىي پاكىتلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتايلار شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالسىلا، ھامان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز سىياسىتىنى قوللايدۇ . دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىنىشنى ئۆزلىرى خالىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى خالىمىغان ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇلارنى پەرقلەندۈرىشىمىزگە نېمە ئېھتىياج بار؟ ئۇلاردىن ئىنسانلىق تەلەپ قىلىش، ئالىجانابلىقىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئىشلىتىش، ھەممىسى ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسمۇ؟ بىز بولساق ئۆلتۈرۈلىۋاتقان مىللەت، يوقۇتىلىۋاتقان مىللەت، بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىمىز ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە تېگىپ قويساق زىيان تارتىدىغان نەرسىمىز يوق. دىپلوماتىيە ئوينايدىغان سەھنىمىز ۋە لۇكسىمىزمۇ يوق. بىز ئوينىغان دىپلوماتىيە سوسكىنى قارشى تەرەپنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئاغزىغا سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ قارشى تۇرۇشتىن باشقا يوقىتىدىغان ھېچ نەرسىمىز قالمىدى.
رۇقىيە تۇردۇش
Biz kim xitay kim?
Uyghurlardin bashqa yat xelqler Sherqiy türkistandiki xitayliqlarning néme üchün öz hökümitining Sherqiy Turkistanliq ‘Uyghurlar we rayondiki bashqa qérindash millet Musulmanlirigha qaritilghan erqiy qirghinchiliq siyasitini hemishe qollap quwetleydighinidin heyran. ve anche chushinip ketmeydu. ‘asasen chüshenmeydu. Hetta bir qisim Uyghur pa’aliyetchilirimu xitayning “erqichi” qoralini koturup chiqip ulargha hujum qilishidin ensirep, diplomatik oynash uchun, we yaki hetta tajawuzchi xitay xelqini ularning hokumitige qoshup qarilashning insanliq, keng qosaqliq we exlaq qimmet qarashlirigha chushmesligidin ensirep, xitay xelqining mexri shepqitige adimilikige murajet qilish we ularning qollishini qolgha kelturush arqiliq xitay hokumitini yetim qaldurush uchun kuchep keldi, bu kucheshte dushmenlikni yaxshi komeydighan xelqaraning kozige set korunup qalmasliq teripimu bar. emma bu taktikilar xitay Sherqiy Turkistanni besiwalghan 70 yildin beri tekrarlanghan bolsimu zadila ghelbe qilmighan olgen taktikilar idi. emma nurghunlirimiz yenila umitte, ‘zaman ozguridu xitaylarmu ozgurup qala, ejaba ulardin paydilansaq eqil bilen oynighan bolmamduq?’ deydu. Amerika bashliq gherp dunyasimu xitay xelqini beyitip ularni democratiyege ekirish arqiliq xitay hokumitini yiqitmaqchi bolghan idi, emma xitayning bugunki ehwali buning putunley aqmaydighanlighini ispatlidi. Bularnighu qoyup turayli, temigha kelsek tajawuzchi xitay xelqi rastinla ozgurup qalarmu? Bu soalgha jawap berishtin burun, xitay xelqining himmitige murajet qilishtin burun Sherqiy Türkistandiki xitaylar bilen uyghurlarning munasiwitini yaxshi chushinishimizge toghra kelidu. bu yerde xitay hökümitining Sherqiy Turkistan mesiliside oz xelqige tesirini korsitidighan tetur teshwiqati, (qiziqturush we küshkürtüsh yoli bülen) xitay milletchilik teshwiqati we xitay medeniyitining tesiri qatarliq nurghun süyasiy, ixtisadiy we ijdimaiy amillar bar. Bularni inkar qilmaqchi emesmen. Lekin bularning hichqaysisi eng asasiy amil emes. Buning hemmisi xütay xelqining Uyghurlargha bolghan selbüy tonushügha töhpe qoshqan bolsimu, Emiliyette, Sherqiy Turkistanni ishghal qilghan xitay hokumiti we xelqiy bilen Sherqiy Turkistan xelqi otturisidiki munasiwet tolimu eniq, kop oylap tehlil qilip ketishning hajiti qalmighan, tolimu rial bolghan bir munasiwet bolup, u bolsimu tajawuzchilar bilen tajawuzchigha qarshi kuch otturisidiki mustemlikichilik munasiwitini asas qilidighan munasiwet.
Mustemlikichilik munasiwiti dunyaning bashqa jaylirida yaxshi tehlil qilinghan, emma xitayning mustemlikichilikige dunya bugunge qeder sel qarap keldi. xuddi xitay bilen Sherqiy Türkistanning munasiwiti peqet xitayning ichki mesilisidek, manjuriye impériyisi yaki menchüning, shundaqla mongghul yüen sulalisi qatarliq impériyelerning bu rayonni mustemlike qilghanlighi bu ziminning xitay ziminigha yaki xitay dolitige tewe ikenligini ispatlaydighandek, xuddiy bu rayon xitaylarning Manchu imperiyesi yiqilghandin keyinki yéngi mustemlikisi emestek, bu rayondiki xitay köchmenler bilen uyghurlarning munasiwiti qandaqtur mustemlikichilik emes, belki xitay dolitining ichide yashaydighan Uyghur digen bir milletning az sanliq millet heq hoquqliri mesilisidek muamile qilinip keldi. Eger biz bu mesilige mustemlikichilik munasiwti kozi bilen qarighinimizda, dunyaning xitay tajavuzchillirining mustemikichilikini qirghinchiliq niyitini nezerge almighanliq bilenla qalmay belki buningliq bilen tarim we junghgariyening xitayning ayrilmas zimini dep tonuslushigha yeshil chiraq yeqip bergenligni korumiz..
Biz peqet xitay mustemlike siyasetlirining Sherqiy Turkistandiki Uyghur we bashqa Musulman xelqlerni yoqutush uchun qandaq qilip jemiyet sharaiti yaratqanlighinila tehlil qilip qalmay belki bu siyasetlerning xitay xelqi bilen Uyghur we bashqa Musulman xelqler otturisidiki mustemlikichilik munasiwetlerni ornitish we kuchlendurushte qandaq rol oynighanlighinimu tehlil qilishimiz kerek. Gherpliklerning Sherqiy Turkistanning mustemlike kimligini eniq yaki toluq kormesligidiki seweblerdin biri bolsa yavropaliqlarning burunqi mustemliki ziminliri putunley yiraqta idi, Sherqiy Turkistan bolsa xitay bilen xoshna idi, shundaq bolghachqimu bu ziminlar kop hallarda ularning koziga xuddi xitay teritoriyesige tewe asiya ziminliridek korunup keldi.
Xütay hökimiti Sherqiy Turkistanni xitayning ayrilmas bir qismi dep teshwiq qilish arqiliq pütkül xitaylarni hetta yengi dewir yash Uyghurlarni Sherqiy Türkistanning burmilanghan tarixi bilen terbiylidi. elmisaqtin xitay tarixi dersliklirining héchqaysisida musteqil Sherqiy Türkistanning tarixi sözlenmeydu. Sherqiy Turkistanda, étnik xitaylar we yash ewladlar Uyghurlarning qaraxanilar (840 – 1212) dep atilidighan nahayiti yüksek medeniyetlik seltenitining bolghanliqi toghrisida, Ediqut Uyghur Xanlighi toghrisida héch nerse bilish pursitige érishelmeydu. Xitaylar putun yazma we eghizche teshwiqatlirining hemmiside bu zimin xitayning Xan sulalisidin tartip xitayning idi bu yerde Uyghurlar yoq idi dep teshwiq qilidu. emeliyette, xen sulalisi peqet milalidin ilgiriki 120-yili qisqa waqit tarim we jungghariyediki keng döletlerning bir kichik böliki turpannila igelliwalghan.[1] Xitay milliti xitay dölitining 1949-yilghiche Sherqiy Türkistanni bashqurup bolalmighanliqi [2] ghimu ishenmeydu, yaki qesten ishengusi kelmeydu. Chunki bumu xitayning tarixi hikayillirede yoq yaki bolsimu burmilanghan. Sherqiy Türkistan xelqining manju émpériyisini meghlub qilghanliqi we 1864-yili «yette sheher döliti» ( qeshqeriye sultanliqi) dep é’atalghan musteqil dölitini eslige keltürgenliki toghrisida héchqandaq oxshimighan menbelerdin kelgen material xitayda toghra shekilde otturigha qoyulmayla qalmay belki burmilap otturigha qoyuludu. 1884-yili manjuriye émpériyisining Sherqiy Turkistangha ikkinchi qétim tajawuz qilishtin ilgiriki tarix [3] hetta Uyghurlarning yéqinqi siyasiy tarixi, hemde ikkinchi dunya urushining Sherqiy Turkistangha korsetken tarixi xitay resmiy tarixida ünümlük burmilan’ghan. Xitayda Uyghur we bashqa millet Musulmanlirining 1933-yili Islam Sherqiy Türkistan Jumhuriyitini , 1944-yili Sherqiy Türkistan Jumhurüyitini qandaq qilip musteqil jumhuriyet qilip qurup chüqqanliqi toghrisida héchqandaq kitab yaki tarixiy höjjetlerni tépish mumkin emes [4] emiliyette ikkinchi Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti xitay kompartiyisi döliti we xütayning milliy kümliki berpa qilinishtin alte yil ilgirila mewjut idi.
Peqet Sherqiy türkistan Jumhuriyitige shahit bolghan yashanghan Uyghurlarla ballirigha xitay xelq jumhuriyitining sitalin bülen pilan tüzgenliki we 1949-yili Sherqiy Türkistangha tajawuz qilghanliqi toghrisida pichirliyalaydu. Külkilik yéri shuki, Sherqiy Türkistan zémini xitayning éghir tajawuzigha qarimay, eyni waqittiki mustemlikichilikning bikar qilinish (decolonization) dewride, birleshken döletler teshkilatü teripidin xitay zémini dep étirap qilindi. Bu xitaygha Sherqiy Türkistan Jumhuriyitining mustemlike qilinghan zimin emes xitayning ezeldin bir qismiy ikenlikidin ibaret yalghan tarixni koturup chiqishta ghayet zor qanuniy kapalet berdi. Emma bu zimin xitaygha tewe dep etirap qilinghan teghdirdimu, Uyghurlar we bashqa müllet Musulmanlirining xitay bilen tuptin perqlinidighan milliy mewjutluqi we özgüche medeniyiti, yenila xitay uchun bir hiris idi we bu ziminning xitaygha tewe emesligini korunerlik ipadilep qoyudighan janliq pakit idi. hetta ‘seddichin sepili” ning ozila, xitay bilen bolghan tebiy we logikiliq perqning janliq ispati bolup bu ziminning xitaygha tewe emesligini ispatlap turatti. Bu perqlerdin teshvishlen’gen xitay ozini heqliq korsutush uchun, sherqiy Turkistan xelqining dinniy we ideologiyelik alhidilikige we tarixiy siyasiy arqa korunushige chish tirnighighiche ochmenlik qildi we buni yoqutush uchun aldi bilen Islam dinigha, Uyghur mediniytige sitrategiyelik hujum elip berish bilen birge ularni asta asta qirip tugitiwetish, qul qilip weyran qiliwetish, bu milletni yer yuzidin supurup tashlashni planlidi. Emiliyette yuqurida eytip otkinimizdek xitayning bu pilani xitay tajawuzchilliri bilen Sherqiy Turkistan xelqi otturisidiki mustemlike we mustemlikichilik munasiwitini erqiy qirghinchiliq arqiliq hel qilishtin bashqa nerse emes idi. xitayning bu pilanini Sherqiy Turkistan ichidiki tajavuzchi xitaylarla emes belki yengidin tajawuzchi supitide Sherqiy Turkistangha kochup kelip yerlishishni tallighan barliq xitaylar eng aktip qollaydu. chünki xitay hökimiti Sherqiy Türkistanning tarixini burmilap yaki yoshurupla qalmay, yene xitay hökümitining burmilanghan teshwiqat matériyalliri, tékist kütabliri, xitay dölet axbaratliri we siyasiy telimat dersliri bilen kishilerni terbiyleydu. Yéqinda xitay dölet ishliri mehkimisi uchur ishxanisi élan qilghan yéngi aq tashliq kitab [5] xitayliqlarning oz wijdanini aqlishida, tajawuzchilighini yoshurishida nahayiti ünümlük rol oynidi. Chünki bu ulargha ularning Sherqiy Türkistanni qanunsiz igelliwalghanliqi üchün bir talay yalghan yolluq bahane – seweblerni tepip bergen idi.
Gherb döletlirige sayahetke kelgen we xitayning jahan’girlik tarixi we uning Sherqiy Türkistan, Tibet we Jenubiy Mongghuliyege tajawuz qilghanliqi heqqide bashqa menbelerdin korush pursitige érishken nurghun xitayliq proféssorlar we xitayliq oqughuchilar tarixtiki pakitlarni ghezep bilen ret qilidu we nezerdin saqit qilidu. bashqa pakitlarni, ularning heqsizliqlirini kozige tiqip qoysingizmu yenila xitay hokimitinining ilgiri surgenlirini qollaydu. Nime uchun? Shek-shübhisizki, xitaylar uchun eytqanda, musteqil Sherqiy Türkistan uqumigha ishinidighan her qandaq bir xitay puqrasi kommunist dölitining milliy menpe’etige buzghunchiliq qilghan bolidu.
Uning üstige, bu zémin xitay üchün jughrapiyilik, stratégiyilik ehmiyetke ige, chünki ottura asiyadin yawropagha baridighan asasliq derwaza bolup , xitayning kéngiyishige qolayliq yaritidu. Xitay prezidénti shi jin pingning Sherqiy Türküstanning Jughrapiyilik stratégiyilik qimmitini tekitligen yéngi yipek yoli teshebbusidin buyan, [6] xitay xelqi, bu rayondiki barliq kommunist hökümet siyasetlirini teximu zor küch bilen qollidi. ular üchün éytqanda, hetta Sherqiy Turkistan xelqining mewjutluqining ozila xitaylarning Sherqiy Türkistan zéminidin haman bir kuni quruq qelishini korsitetti we ualrni endishige salatti. shundaqla yene, köpünche xütayliqlar üchün éytqanda, herqanche rehimsizlik bolsimu, xütayning dölet menpe’eti üchün paydiliq bolghan hemme nersini qollash xitayning milliy iptixarliq mesilisi. Eniqki, Sherqiy Türkistanning yéngi yipek yoli planining jughrapiyilik stratégiyilik ehmiyiti xitaylarning milletchiliki we zomiger küch bolush arzusini kücheytiwetti, buningha qoushulup Amerika bashliq demokratiye doletlirining ajizlishishi, barliq Musulman doletlerning xitayning keynidin yugurushi xitayning teximu horigini osturiwetti. dunyagha hoja bolushqa aldirighan xitay Uyghurlarni qirip tugitish planini tosqunsiz bir halda planliq elip berishke otti. Bundaq bolghanda, xitay xelqimu ozlirining burmilanghan jemiyet we dolet maaripining qurbani bolghanlighini sezmeyla kishilik hoquq we milliy erkinlikning düshmünige aylandimu? “Sezmeyla” digen sozni ishletkende “qismen” diyishni muwapiq kordum. bu yerde xitay xelqimu xitay hokumiti siyasetlirining qurbani ikenligini putunley toluq testiqlimaqchi emes ikenlikimni ipadilimekchimen. chunki ularning beshi yuyulup qurbanliq bolushi mejburluqtin bolmighan, belki aktip xalashni oz ichige alidu. dimek ular öz hökümitining uyghurlarning asasiy hoquqigha qarshi élip barghan rehimsiz süyasetlirini zor küch bilen qollighan bolsa, bu ularning peqet we peqetla qurbanliq bolghinidin emes belki ularning melum derijide nepke érishkenlikidin bolghan. chünki xitay hökümiti ularning béyjinggha wakaliten térritoriyelik mustemlikichilik salahiyitige ige bolup, nurghun menpeettin behrimen bolushigha kapaletlik qilidu.
Yéqinqi on yilda, xitay hökümiti Amérika bush hökimitining «térorluqqa qarshi turush urushi» ning herketlendürgüch küchuni burap, lughitide ‘terrorluq’ digen xetmu tepilmaydighan tenchperwer Uyghurlarning ozini qoghdash herketlirini terrochiliq tamghisi bilen eyiplep hemmila Uyghurni terrorchigha chiqardi. xitay hokumiti yene Islamni idologiye virusi dep atap xitaylar arisida we dunyadiki Islamni chushenmeydighan milletler arisida Islam dushmenligini peyda qilishqa urundi. Shundaq bolushigha qarimay, xitayning yéqin Musulman ittüpaqdashlirigha bu nerse hich tesir qilmidi, Islamni ‘ideologiye virsui’ korgen xitaylarmu bu Musulman dostlirigha hichqachan virus muamilisi ishletmidi.
Biz yene, bezi xitaylar gunahsiz, ulargha hisdashliq qilishimiz kerek, ular xitay hökümitining burmilanghan maaripining tesirige uchrimighan xitayliqlar dep perez qilip baqayli, ene shu xitaylarning Uyghurlargha qaritilghan naheqchiliklerni etirap qilishi shunche tesmu?, hetta mumkün emesmu? eger ular Sherqiy Türkistanning musteqilliq mesilisi Sherqiy Türkistan xelqining qanunluq hoquqi yaki emesliki mesilisige yoluqsa némilerni oylaydu? Némishqa xitay chong quruqluqidin kelgen we gherb döletliride yashaydighan ashu xitay démokratchiliri Sherqiy Türkistanning musteqilliqini qet’iy ret qiliduyu, xongkungluqlar we teywenlikler ret qilmaydu? Men bu soallarni nurghun xitay démokratchiliridin soridim. ularning jawabi bir birige bekmu’oxshaydu: «CCP sewebidin Uyghurlargha qarshi adaletsizlik bar, buning xitay xelqi bilen hichbir munasiwiti yoq. Xitay xelqimu j k p ning qurbani. eger musteqil bolushqa urunsingiz qan tokulush, urush bolidighanlighi eniq, Shunglashqa men musteqil dolet bolushunglarni qollimaymen ». Men é’ulardin « undaqta Sherqiy Türkistan igilik hoququning Sherqiy Türkistan xelqining qanunluq hoquqi ikenlikige qoshulamsüz? Yaki Sherqiy Turkistanning tenchliq yol bilen musteqil bolushighichu? » Dep sorighinimda. ular dawamliq mundaq jawab beridu: «eger birleshken döletler teshkilati Sherqiy Türkistanning musteqilliqini Sherqiy Türkistan xelqining qanunluq hoquqi dep qarar qilsa, men qoshulimen. eger undaq bolmisa, men qollimaymen ». Ejaba ular birleshken doletler teshkilatidin chiqidighan qararning choqum büxeterlik kéngishi teripidin otudighanlighi we xütayning bu kéngeshtiki beshning biri ikenligi, ret qilishqa bilet tashlash hoquqi barliqini bilmemdu? Bilidu elwette. chong quruqluqtiki neyrengwaz xitay démokratchilirigha oxshimaydighini, teywen we xongkung xelqi, Uyghur we bashqa millet Musulmanliri xitayning mustemlikisidin musteqil bolushi kérek dep qaraydu. Chunki bu yerdiki perq shuki é’ular Sherqiy Türkistandiki shexsiy menpe’etni közde tutup herket qülidighan mustemlikichiler emes.
Bezi tetqiqatchilar xitay xelqining meyli ularning hokumiti neqeder nachar, diktator, heqsiz we rehimsiz hokumet bolushidin qeti nezer, yuquriy derijidiki sadiqliq bilen öz hökümitige ita’et qilishini ularning mediniyitige baghlap tehlil qilip keldi. chunki xitay medeniyitide tovenning yuqurigha boysunush mejburiyiti nahayiti kuchluk idi. [7] emma meningche, Hökümitining heqsizliqigha boysunush ularning sukut qilishigha seweb bolushi mumkin, lekin ularning Uyghurlargha qarshi, insaniyetke qarshi, xelq’arada qanunsiz süyasetni aktip qollishigha seweb bolalmaydu. Yalghuz ita’et qilish mediniyitila xitaylarning Uyghurlargha hökümranliq qilish we ularni depsende qilish qizghinliqini peyda qilalmaydu. Eniqki, Xitaylar emiliyette ozining tarixtiki ajiz we kisel kopisi xelq digen xorluqini yengish uchun bashqa milletlerning aldidiki ustunluk ornini tikleshke ehtiyajliq bolghanliqtin, ustunlukke erishish ehtiyajidin kelip chiqqan ethnik ashqun milletchiligi bilen dolitige itaetchan bolush mediniyitini birleshturup yughurup Uyghurlarning usitidin hokumranliq qilishqa ishletti.[8]
Buning bilen, Sherqüy Türkistan xelqini kontrol qilish xitaylargha özini bashqilardin üstün his qilish pursiti bilen teminlidi. Amérikiliq insanshunas darrén baylér xütayliq xitay dostlirini ziyaret qilip, Uyghurlarning azab oqubetliri heqqide ularning köz qarishini sorighanda, ularning köpünchisi emeliyette Uyghur hayatining hemme tereplirige hökümranliq qilish büyük xitay milliti pilani bilen algha ilgirleshning birdinbir yoli dep qarüghanlighini bildurgen.[9] biz ularning xitay hökümiti teripidin Uyghurlarning öyliride tajawuzchiliq qilip uxlashqa teyinlen’gende dou yun ge yollighan videolirini korup turiwatimiz. Bu videolarning kopinchisi digudek ularning her bir Uyghur usitidin hokumran we ustin bolush pursitige erishkinidin qanchilik iptixarliq we xushalliq his qilghanlighini korsitidu. Bu erqichiliq qülmishliri Sherqiy Türkistanning özüdiki xitay tajawuzchilli bilenla cheklinip qalmastün, belku xitayning sirtidiki kopligen xitaylardimu mevjud. TR xewer muxbiri ötken yili awistiraliyede ötküzülgen xitay oqughuchillirining namayüshida ularnü ziyaret qilghanda, xitaydin kelgen xitay oqughuchilarning muxbirning: «sizningche, hökümitingizning milyonlighan küshilerni dingha étiqad qilghanliqi we ularning soz erkinligini cheklesh uchun jaza lagirigha etishi toghrimu?» Dep sorüghanda “ toghra!” digen jawabi hemme küshini chochutivetti.[10] .
Xütayning milliy iptixarliq tuyghusi mesilisi, milliy menpe’eti, xitay jahan’girlikining iqtisadiy we jughrapiyilik süyasiy terepliri bilen birliship, xitay mustemlikichilirining mustemlike qilinghuchi Sherqiy Turkistan xelqi bilen bolghan asasiy munasiwitini kucheytip keldi. bu munasiwet xitayliq köchmenlerge biwaste nep yetküzidu. Ularning xizmitini kapaletke ige qilidu, ulargha kesipte téximu téz tereqqiy qilish pursiti beridu, Sherqiy Turkistandiki bir tajawuzchi bolush ulargha bikarliq yer, oy, pul, mal mulukke erishish pursiti beripla qalmay yene, talan taraj qilish pursiti Uyghurlani xalighanche xarlap oynash purisiti, sodida téximu köp payda elish purisiti beridu. Tajawuzchi xitayliq erlerge chürayliq Uyghur qizliri teqdim qilinidü. eger bu qizlar qarshiliq körsetse, ularnüng pütün a’ilisi jaza lagérlirigha solinidu. emeliyette, nurghun Uyghur ayallar özinü, ailisini jaza lagérliridin saqlap qelish meqsitide xitay erliri bilen toy qilishqa mejburlanghan. [11] Néme digen paydiliq shert! Hemme ish xitay tajawuzchillirining parawanliqi üchün qilinghan. ular bu rayonning qandaqtur xitaylargha tewe ikenlikini, bashqilarning hemmisining özige boysunushü kéreklikini éytip bu paydigha érishish jinayitini we tajawuzchiliqini aqlaydu. Buning bilen insanlighini aram tapquzmaqchi bolidu.
Xütayning xitay köchmenlirining Sherqiy Türkistanni mustemlike qilishini ilgiri sürüsh we righbetlendürüsh siyasiti ular érishken biwaste iqtisadiy menpe’et bilen birleshtürülüp, ularning shexsiy ustunluk tiklesh, rohi jehettin koturulush isitigini shekillenduridu. We buning ozila, emiliyette Uyghurlarni palech halgha chushürüp qoyüdu. Sherqiy Türkistan xelqining her bir kichik yoqutushi yaki mehrum qeishi xitay tajawuzchilirining hoquq we hokumranliqqa bolghan achliqining biwaste netijisi. Uyghurlar qarshiliq körsitish iqtidarini yoqütüp qoyghanda, xitay tajawuzchilliri hökümranliq xushalliqigha toldi. Uyghurlarning öz tilida sözlishige yol qoyulmighanda, xitay tajawuzchilliri millüy iptixarliqni his qilipla qalmay, yerliklerning bu zor yoqutushudin ghelbe his qildi. Uyghurlar Islam dinini ret qilishqa mejburlanghanda, ular hökumitining: «islam bir xil virus» dégen bayanatini maxtapla qalmastin, exmeqliq bilen özlirining medeniyet sewiyisini yuquriy millet dep oylidi. ular Uyghurlarni haqaretliginide we towen korginide, ozliride bir xil shexsiy küch hés qildi. Uyghurlar qiyin qistaqqa elinip, xitay kommunistik partiyisige ishinishke mejburlanghanda, ular özlirining xitay kommunist ideologiyesini hemmidin üstin ideologiye, biz Uyghurlarni terbiylewatimiz biz bek adil semimiy xelq dep oylidi. Uyghur balliri Uyghur öyliridin mejburiy élip ketilip, yétim balilar jaza lagérigha mejburiy ewetilgende, ular bu balilarning kelgüsini xitay millitige tewe dep qaridi. 3 Milyondin artuq [12] Uyghurlar xitayning jaza lagérlirigha qamalghan waqtta, ular Uyghurla bu teghdirge layiq dep qaridi we helihem shundaq qaraydu.
Xütayliq köchmenlerning imperiyalist kommunist hökümitini qollap Sherqiy Turkistanda hokumranliq we tajawuzchiliq qilishida nurghun amillar bolishi mumkin, bu amillarning hemmisi tajawuzchilar bilen tajawuzchiliqqa uchrighuchi otturüsidiki muqim munasiwette toplinidu. Buni xütay tajawuzchillir meyli qandaq inkar qilsun, yalghan sözlisun, we yaki kormeske salsun, ozlirini dunyada tajavuzchi emes qilip korsitish we aqlash uchun meyli qanche tirishsun tarixiy pakitlarni özgertelmeydu. Uning ustige Xütaylar Sherqiy Türkistanda muqim olturaqliship qalsila , haman hökümütining rehimsiz siyasitini qollaydu. dimek ular ozlirining mustebit hökümitidin perqlinishni ozliri xalimaydu. Ular ozliri xalimighan ehwalda bizning ularni perqlendurishimizge nime ehtiyaj bar? Ulardin insanliq telep qilish, alijanaplighimiz bilen ulargha tesir korsitip ularning hemkarlighini qolgha kelturup ularning hokumitini yetim qaldurushqa ishlitish hemmisi exmeqliqtin bashqa nerse emesmu? biz bolsaq olturuluwatqan millet, yoqutuluwatqan millet, bizning doletlerge oxshash xitay bilen hemkarlighimiz, ularning menpetige tegip qoysaq ziyan tartidighan nersimiz yoq. Diplomatiye oynaydighan sehnimiz we luksimizmu yoq. biz oynighan diplomatiye, soskini qarshi terepning emes ozimizning aghzigha seliwatidu. Chunki bizning qarshi turushtin bashqa yoqutudighan hich nersimiz qalmidi.
[1] Millward, J. (2020). Euroasian Crossroads. New York: Colombia University Press, p.52.
[2] Millward, J. (2020). Euroasian Crossroads. New York: Colombia University Press, p.24.
[3] Bovingdon, G. (2004). Strangers in their own land. Ann Arbor, MI: UMI Dissertation Services, p.32.
see also: Millward, J. (2020). Euroasian Crossroads. New York: Colombia University Press, p.123.
[4] Millward, J. (2020). Euroasian Crossroads. New York: Colombia University Press, pp.201-203,216
See also : Forbes, A. (1986). Warlords and Muslims in Chinese Central Asia. Cambridge: Cambridge University Press, pp.82-90.
Beson,L.(1990). The Ili Rebellion: Muslim Chalange to Chinese Authority in Xinjiang, 1944-1949. 1sth ed. M.E.Sharpe Publisher,P.10
[5] Chinadaily.com.cn. (2019). Full Text: Historical Matters Concerning Xinjiang – Chinadaily.com.cn. [online] Available at: http://www.chinadaily.com.cn/a/201907/22/WS5d351a66a310d830564003f2.html [Accessed 27 Feb. 2020].
[6] Anna Hayes (2020) Interwoven ‘Destinies’: The Significance of Xinjiang to the China Dream, the Belt and Road Initiative, and the Xi Jinping Legacy, Journal of Contemporary China, 29:121, 31-45, DOI: 10.1080/10670564.2019.1621528
[7] Teon, A. (2016). Filial Piety (孝) in Chinese Culture. [online] The Greater China Journal. Available at: https://china-journal.org/2016/03/14/filial-piety-in-chinese-culture/ [Accessed 17 Feb. 2020].
[8] HERNÁNDEZ, J. and Qin, A. (2018). How China’s Rulers Control Society: Opportunity, Nationalism, Fear. [online] Nytimes.com. Available at: https://www.nytimes.com/interactive/2018/11/25/world/asia/china-freedoms-control.html [Accessed 17 Feb. 2020].
[9] Darren Byler, P. (2020). Why Chinese civil servants are happy to occupy Uyghur homes in Xinjiang. [online] CNN. Available at: https://www.cnn.com/2018/11/09/opinions/uyghur-home-visit-opinion-intl/index.html [Accessed 17 Feb. 2020].
[10] Watch: Are these the most deluded Chinese people in the world?. (2019).
Directed by A. Yemini. Melbourne: TR News. Available at: https://www.tr.news/deluded-chinese-people/ [Accessed 17 Feb. 2020]
[11] De Ming, www.ntdtv.com. (2019). 新疆扩大汉化政策 汉人娶疆女可得50亩田及7万元现金.( Xinjiang’s policy of expanding the localization of Han people can get 50 acres of land and 70,000 yuan if they marry a Xinjiang woman) [online] Available at: https://www.ntdtv.com/gb/2019/10/30/a102696368.html [Accessed 17 Feb. 2020].
[12] Stewart, P. (2019). China putting minority Muslims in ‘concentration camps,’ U.S. says. Reuters. [online] Available at: https://www.reuters.com/article/us-usa-china-concentrationcamps/china-putting-minority-muslims-in-concentration-camps-u-s-says-idUSKCN1S925K [Accessed 27 Aug. 2019]