خائىننىڭ خارەكتېرى Xainning Xarekteri.
خائىننىڭ خارەكتېرى
زۇلۇم ئىچىدە يوقاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇردەك بىر مىللەتتىن مۇشۇنداق دەھشەتلىك كۇنلەردە نىمە ئۇچۇن خائىن كۆپ چىقىدۇ؟ خائىنلارنىڭ خارلىنىۋاتقان نارەسىدە بالىلىرىمىزنى، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قىزلىرىمىزنى، يەنچىلىۋاتقان، ئۆلتۈرۈلىۋاتقان بىر قان، بىر دىن، بىر زىمىنغا مەنسۇپ بولغان مىللەتداشلىرىنى كۆزى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلاردا يۈرەك يوقمۇ؟ ۋىجدانى ئازاپلانمامدۇ؟ بۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم خائىنلىقنى بايقىغاندا سورايدىغان سوئاللار. ئەمەلىيەتتە خائىن دەل ئۇيغۇردەك بىچارە، ئېزىلىۋاتقان مىللەتتىن ئەڭ كوپ چىقىدۇ. چارىسىز مىللەتنىڭ خارەكتېرى ئەڭ كوپ بۇزۇلىدۇ. خائىننى خائىنلىققا ئۇندەيدىغان ئامىللار ئادەتتە ئىدولوگىيە، چارىسىز قېلىپ مەجبۇرلىنىش، پۇل، گۇزەل قىز- يىگىتلەرگە ئالدىنىش قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئامېركىنىڭ مەخسۇس ئىشپىيونلارنى تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە 1947- يىلدىن 1990-يىلغىچە ئىدولوگىيە جەھەتتە ئامېركىغا ئەمەس باشقا دولەتكە سادىق بولغانلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنى باشقا سەۋەبلەر بىلەن سېتىلغانلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەر بەش ئامېرىكىلىققا بىردىن توغرا كېلىدىغانلىقتىن، تەتقىقاتچىلار سادىقلىقنىڭ ئىشپىيونلۇق قىلىشتا بىرىنچى دەرىجىلىك رول ئوينايدىغانلىغىنى، باشقا دولەتكە سادىق بولغۇچىنىڭ ئەڭ ئاسان سېتىلىدىغانلىغىنى كورسەتكەن. ئامېرىكىدىكى مەخپىي دوكۇمېنت ماتېرىياللارنى ئوغرىلىغان خىتاي خائىنلىرىنىڭ كوپىنچىسى خىتاي ھوكۇمىتىگە، خىتاي دولىتىگە قاتتىق سادىق بولغان خىتاي مىللەتچىللىرىدىن چىققان بولۇپ ، بۇ يەردە غەرپ ئىدولوگىيەسىگە قارىمۇ – قارشى بولغان بىر ئىدولوگىيەنىڭ ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ رولى پۇلدىن كۈچلۈك بولغان. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇيغۇر خائىنلىرىمۇ خىتاي دۆلىتىگە سادىق بولغىنى ئۇچۇن خائىنلىق قىلىۋاتامدۇ؟ مەنچە ئۇيغۇر خائىنلىرىنىڭ سېتىلىشىدا ئىدولوگىيە ۋە خىتاي دولىتىگە سادىقلىقتىن كۆرە ئۇلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى ئاجىزلىغى بەكرەك رول ئوينىسا كېرەك. چۇنكى ئاجىز بىر مىللەتنىڭ ئاجىزلىغىنى تۇتۇۋالغاندا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى گۆرۆگە ئېلىپ مەجبۇرلىغاندا، پۇل ۋە قولايلىق شارائىتنى ئالدىغا تاشلىغاندا پىسخىكىسى ئاجىز ۋە نورمال بولمىغان كىشىلەر بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئەمەس بەلكى بىرنەچچە كىشىنىڭ تەقدىرىنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۆزگەرمىگۈچە ئاشۇ بىرنەچچە كىشىنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ ئوزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە مەڭگۈ ئىلىنىپ قالىدىغانلىغىنى، بۇ بىرنەچچە كىشى خەتەردىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ پەقەت قىسقا مۇددەتلىك قۇتۇلۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە مەڭگۈلۈك پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ. مەسىلەن، خىتايغا سېتىلغان ئۇيغۇر خائىنلار ئەگەر خىتاينىڭ قولىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولسا بۇ بىر خام خىيال، چۈنكى خىتاي داۋاملىق ئىشلىتىدىغان سىزدەك بۇ كوزۇرنى ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ ۋە مەڭگۈ قولىدا تۇتىدۇ. سىز بولسىڭىز قارماققا ئىلىنغاندىن كېيىن داۋاملىق ئارقىدىن چاپىسىز، ۋىجدان ئازابى، ئاشكارىلىنىپ قېلىپ قارا يۇز بولۇش قورقۇنچى ئىچىدە ياشايسىز. ھەتتا ئىشلىتىپ بولغاندا خىتاي سىزنى يوقۇتىۋېتىدىغانلىغى ئۈچۈن كۇنىڭىز دەككە دۈككىدە ئۆتىدۇ.
كۆپىنچە خائىنلارنىڭ ئادەتتە مۇقىم خارەكتېرى يوق بولۇپ ئۇلار ھەر خىل ئۆزگۈرەلەيدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نەچچە خىل يۈزىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن ئىنتايىن كوپ يالغان سوزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەسلەپتە كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش تاكتىكىلىرىنى قوللۇنۇپ ناھايىتى ئىشەنچىلىك كۆرۈنۈۋالسىمۇ، كۆپ يالغان سوزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاستا – ئاستا كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ. ئاسان سېتىلىدىغان كىشىلەر ئۇششاق تەۋەككۇلچىلىكلەردىن ھاياجانلىنىپ ياشاشنى ياخشى كورگەنلىكى ئۈچۈن سېتىلىپ مەخپىي ئىشلارنى قىلىۋېتەلىگەنلىكىدىن ئىچىدە پەخرلىنىپ ئۆزىنى ناھايىتى كۈچلۇك، ئەقىللىق بىرىكەنمەن، ھىچكىمگە بىلدۈرمەي، قورقماي ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋەتتىم دەپ ئويلاپ، ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشكە، يىراقنى كۆرۈشكە كاللىسى ئىشلىمەيدۇ. قىسقا مۇددەتلىك تاكتىكا ۋە ئويۇن ئويناشقا ئىنتايىن ئامراق كېلىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشكە، يىراقنى كۆرۆشكە كاللىسى ئىشلىسە ئىدى، ئالدىراپ ئالدىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىلمىغان بولاتتى. ئادەتتە خائىنلارنىڭ كۆپىنچىسى روھىي جەھەتتىن بىنورمال بولۇپ، نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا نومۇس قىلىش، ۋىجدان ئازابى چېكىش تۇيغۇلىرى ئاجىزراق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى پەتىۋا پىچىش ئارقىلىق روھىنى ئارام تاپقۇزۇپ، كۈنلۈك ھايات ئۈچۈن ئەخمەقلارچە ياشايدۇ. CIA ئېلان قىلغان بىر دوكىلاتىدا ئاسان سېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىنورمال خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنى توۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلىدۇ :
1. باشقىلاردىن پايدىلىنىشنى ۋە باشقىلارنى كونترول قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىنورمال خارەكتىردىكى كىشىلەر: چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ خائىنلىق خىزمىتى ئاسانلىشىدۇ. خاتالىقلىرىنى ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ ۋە نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنىنى توغرا دەپ ئاسان ئىشىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا، خاتا ئىشلارنى قىلغاندىمۇ ۋىجدانى ئازاپلىنىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ يىراقنى كۆرەلمەيدۇ.
2. ئىچى بىر خىل تېشى بىر خىل بىنورمال خارەكتىردىكى كىشىلەر: ئۇلار خۇددى يىلاندەك چاندۇرماي باشقىلارنىڭ تومۇرىغا كىرەلەيدىغان بولۇپ، يۈزى ئىنتايىن قېلىن بولغانلىقتىن، باشقىلارنى رەنجىتىپ ئويۇن ئويناشتىن قورقمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەتراپنى پارچىلاپ، ئۆزى تەرەپتە تۇرىدىغانلارنى تېپىپ چىقىپ يېنىغا توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرمۇ ئىشپىيون سېتىۋالغۇچىلارنىڭ شەرتىگە توغرا كېلىدىغانلىقتىن، ئىشپىيون سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش نىشانى بولىدۇ.
3. نارسىسى (ئۆز مەپتۇن) كىشىلەر: ئۇلار ئۆزىنى ئىنتايىن يۇقۇرى ئۆلچىۋالىدىغان بولۇپ، خىيالىدا ئۆزىنى ھەممىدىن قاملاشقان، ھەممىدىن ئەقىللىق، ھەممىدىن ئېسىل، ئۆزىگە يېتىدىغان ئادەم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ۋە بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەنە شۇنداق يۇقۇرى باھا بېرىشىگە كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆز رېئاللىقىدىن يىراقلاپ، خام خىياللار ئىچىدە ياشايدىغانلىغى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى مۇكەممەل «مەن» نى تىكلەش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن، ھەتتا ساتقىنلىق قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
4. خاراكتېرى يېتىلمىگەن كىشلەر: بۇ خىل بىنورمال خارەكتىردىكىلەرنىڭ خارەكتېرى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، بالىلارچە مىجەزى بار كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار باشقىلار ئۆزىنى قوللىمىغاندا، نىمە ئۈچۈن قوللىمىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكتىن، يالغۇز قېلىشتىن بەك قورقىدۇ ۋە داۋاملىق بىرەر نەرسىگە يۆلىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئۆز ھاياتىنى ئاللاھقا، ئۆزىنىڭ ئىككى قولى ۋە پۇتىغا ئەمەس بەلكى سىرتتىن كېلىدىغان بىرەر كۈچكە يۆلىنىش ئارقىلىق كېپىللىككە ئالىدىغان كىشىلىك خارەكتېر ئىشپىيون تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ ئۇلارنى سېتىۋېلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
قورقۇپ كەتمەڭ! گەرچە يۇقىرىقى بىنورمال خارەكتېرلار كىشىلەرنىڭ ئاسان سېتىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار بولسىمۇ لېكىن بۇلار يېتەرلىك ئەمەس. دوكلاتتا دېيىلىشىچە نۇرغۇن خائىنلاردا يۇقۇرىقى خارەكتېرلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقتتا تېپىلىشىمۇ ياكى پەقەت بىرسىلا كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىنكەن. لېكىن بۇ دېگەنلىك بۇ خىل خارەكتېردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ خائىن بولىدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس بولۇپ، پەقەت بۇ يەردە يۇقىرىقىدەك بىنورمال خارەكتىرى بار كىشىلەرنىڭ بىرە كىرىزىسقا دۈچ كەلگەندە ئاسان سېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇڭا سىز مۇشۇنداق خاراكتىرى بار كىشىلەرنى كۆرسىڭىزلا خائىنمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ كەتسىڭىزمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بىر بىرىمىزگە ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يەردە پەقەت ئېھتىيات قىلىش ۋە ئۆز خاراكتىرىمىزدىكى بىنورماللىق ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى خىتاينىڭ پايدىلىنىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۆزگەرتىش تەۋسىيە قىلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە خارەكتىردىكى بىنورماللىق ئىنتايىن ئېغىرلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئۇيغۇرلاردا يۇقىرىقى خارەكتىر بىنورماللىقىنىڭ ھەممىسى كۆرۈلمىسىمۇ، ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇرلارنى ياخشى تەتقىق قىلغان خىتاي ئۇچۇن، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خارەكتېر ئاجىزلىقى مۇھىم پۇرسەت بولدى. ئۇلار توختىماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلرىدىن ناھايىتى ئاسانلا خائىن سېتىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئادەم سېلىش ئارقىلىق ياكى ئىجتىمائىي تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خارەكتېرىنى تەتقىق قىلىپ، ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىشى ۋە بۇنىڭغا كورە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشى مۇمكىن. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، خىتاي دائىرىلىرى خارەكتېرى بىنورمال كىشىلەرگە ئەڭ تېز يېقىنلىشىپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بولۇپمۇ بىۋاستە ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاينىڭ قولىدا گۆرۆدە تۇرىۋاتقان ( خىتاي ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇچۇن تۇتقۇن قىلىپ سولىماي تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلارنى كۆرسىتدۇ) كىشىلەرنىڭ خارەكتېرى ئاجىز، مۇقىم ئىدولوگىيە، قىممەت قارىشى ۋە مەيدانى تېخى تىكلەنمىگەن، سىياسىي ئېڭى تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تەھدىت ۋە ياكى پۇل ئارقىلىق قىلتاققا ئاسان چۇشىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ شەرقىي تۇركىستاننىڭ بۆگۈنكى تەقدىرىنىلا كۆرۈپ ئۈمىتسىزلەنگەن، «تۇگىگەن خەلقنى مەن ساتساممۇ – ساتمىساممۇ بەرىبىر، ساتسام نېمە بوپتۇ» دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىغان ئۈمىتسىز كىشىلەر ئەڭ ئاسان سېتىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كېلىۋەرمەيدىغانلىقىنى، يەر شارىنىڭ داۋاملىق خىتاي ئۈچۈن چۆرگىلىمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، نىمىلا قىلسام ئاللاھ كەچۈرىدىغۇ، ئىچىمدە تۆۋە قىلىپ روزا تۇتۇپ، تېشىمدا قانداقلا رەزىللىكنى قىلسام قوبۇل بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ.
نۇرغۇن ئاسان سېتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى خارەكتېرى بىنورمال بولغاندىن تاشقىرى قىممەت قارىشى يوق، پرىنسىپى يوق، مىللەتنىڭ دەردىنى چۇشەنمەيدىغان، كاللىسى ئىنتايىن ئاددى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇنداقلار ئوچۇق – ئاشكارە سېتىلىۋاتىدۇ. يوشۇرۇن سېتىلىۋاتقانلار بولسا ئەقىللىق، پرىنسىپى، مەيدانى بار قىياپەتكە، بۇ مىللەتكە كۆڭۈل بۆلگۈچى قىياپەتكە كىرىۋالغان نەچچە يۈزلۈك شەخسلەر بولۇپ، ئۇلار بەلكىم تۇغقانلىرى گۆرۆگە ئېلىنغانلىقتىن ۋە ياكى پۇلغا بولغان ئېغىر ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سېتىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردىن چىقىۋاتقان خائىنلارنىڭ كۆپ سانلىقى خىتاي دۆلىتىگە، خىتايغا سادىقلىغىدىن ئۆزلىرى خالاپ سېتىلمايدۇ. خىتايمۇ ئۇيغۇر ساتقۇنلارنىڭ خىتايغا سادىقلىغىدىن ئەمەس بەلكى مەجبۇرلانغانلىقتىن ۋە پۇل ئۈچۈن سېتىلغانلىغىنى بىلىدۇ ۋە ۋاقتى كەلسە خىتاينىمۇ ساتىدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكتىن ئۇيغۇر خائىنلارنى قۇربان قىلسا قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ قوغدىمايدۇ ۋە پايدىلىنىپ بولغاندا بەرىبىر ئۆز قولى بىلەن يوقۇتىۋېتىدۇ. ئەمما خائىن بەرىبىر خائىن. خائىنلار ئۆز قىلمىشىنى مەيلى قانداق ئۇسۇل ياكى ئىبارىلەر ئارقىلىق ئاقلاپ ئۆز كۆڭلىنى تىنىم تاپتۇرۇشقا تىرىشسۇن، ئۇلار خائىنلىقتىن قولىنى يۇيۇپ ئارىمىزغا قايتىپ كەلمىگۈچە، ئورنىنى تولدۇرغۇسىز جىنايەتلىرى ئۈچۈن تۆۋە قىلىپ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغۇچە ئۇلارنىڭ جىنايىتى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈلمەيدۇ. دۇنيادا خائىنلىقتىنمۇ ئېغىر شەرەپسىز جىنايەت يوق، بۇ خائىننىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە پىشانىسىگە يېزىلىدىغان مەڭگۈ يۇيۇلمايدىغان قارا داغ بولۇپ، خائىنلار كۆز ئالدىدىكى كۈندىلىك مەنپەئەت ئۈچۈن 70پۇشتىغىچە ئەنە شۇ قارا تامغىنى باسىدۇ. بەلكىم خائىنلار بۇ مىللەت خائىنلىقىمنى بىلمىسىلا ماڭا بۇ قارا تامغا نېسىپ بولمايدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما تارىخ رەھىمسىز، قان قىساسنىڭ سورىقى ھەرگىز كۆمۈلۈپ قالمايدۇ.
Xa’inning xarektéri
Zulum ichide yoqap kétiwatqan uyghurdek bir millettin mushundaq dehshetlik kunlerde nime uchun xa’in köp chiqidu? Xa’inlarning xarliniwatqan nareside balilirimizni, depsende qiliniwatqan qizlirimizni, yenchiliwatqan, öltürüliwatqan bir qan, bir din, bir zimingha mensup bolghan milletdashlirini közi körmemdu? Ularda yürek yoqmu? Wijdani azaplanmamdu? Bu nurghun uyghurlar her qétim xa’inliqni bayqighanda soraydighan so’allar. Emeliyette xa’in del uyghurdek bichare, éziliwatqan millettin eng kop chiqidu. Charisiz milletning xarektéri eng kop buzulidu. Xa’inni xa’inliqqa undeydighan amillar adette idologiye, charisiz qélip mejburlinish, pul, guzel qiz- yigitlerge aldinish qatarliqlarni oz ichige alidighan bolup, amérkining mexsus ishpiyonlarni tetqiq qilish orunlirining tehlil qilishiche 1947- yildin 1990-yilghiche idologiye jehette amérkigha emes bashqa doletke sadiq bolghanlarning sétilish nisbitini bashqa sewebler bilen sétilghanlargha sélishturghanda her besh amérikiliqqa birdin toghra kélidighanliqtin, tetqiqatchilar sadiqliqning ishpiyonluq qilishta birinchi derijilik rol oynaydighanlighini, bashqa doletke sadiq bolghuchining eng asan sétilidighanlighini korsetken. Amérikidiki mexpiy dokumént matériyallarni oghrilighan xitay xa’inlirining kopinchisi xitay hokumitige, xitay dolitige qattiq sadiq bolghan xitay milletchilliridin chiqqan bolup , bu yerde gherp idologiyesige qarimu – qarshi bolghan bir idologiyening we xitay milletchilikining roli puldin küchlük bolghan. Undaqta uyghurlarchu? Uyghur xa’inlirimu xitay dölitige sadiq bolghini uchun xa’inliq qiliwatamdu? Menche uyghur xa’inlirining sétilishida idologiye we xitay dolitige sadiqliqtin köre ularning pisxik jehettiki ajizlighi bekrek rol oynisa kérek. Chunki ajiz bir milletning ajizlighini tutuwalghanda, uruq – tughqanlirini göröge élip mejburlighanda, pul we qolayliq shara’itni aldigha tashlighanda pisxikisi ajiz we normal bolmighan kishiler bir pütün milletning teqdirini emes belki birnechche kishining teqdirini oylaydu. Emeliyette bir pütün milletning teqdiri özgermigüche ashu birnechche kishining teqdiriningmu ozgermeydighanliqini, özining qarshi terepke menggü ilinip qalidighanlighini, bu birnechche kishi xeterdin qutulghan teqdirdimu buning peqet qisqa muddetlik qutulush ikenlikini chüshenmeydu we menggülük patqaqqa pétip qalidu. Mesilen, xitaygha sétilghan uyghur xa’inlar eger xitayning qolidiki a’ile ezalirini qutuldurush üchün sétilghan bolsa bu bir xam xiyal, chünki xitay dawamliq ishlitidighan sizdek bu kozurni hergiz qoyup bermeydu we menggü qolida tutidu. Siz bolsingiz qarmaqqa ilinghandin kéyin dawamliq arqidin chapisiz, wijdan azabi, ashkarilinip qélip qara yuz bolush qorqunchi ichide yashaysiz. Hetta ishlitip bolghanda xitay sizni yoqutiwétidighanlighi üchün kuningiz dekke dükkide ötidu.
Köpinche xa’inlarning adette muqim xarektéri yoq bolup ular her xil özgüreleydu, ular özining nechche xil yüzini yoshurush uchun intayin kop yalghan sozleshke mejbur bolidu. Deslepte kishilerning chongqur ishenchisige érishish taktikilirini qollunup nahayiti ishenchilik körünüwalsimu, köp yalghan sozligenliki üchün asta – asta kishilerning ishenchisidin qalidu. Asan sétilidighan kishiler ushshaq tewekkulchiliklerdin hayajanlinip yashashni yaxshi korgenliki üchün sétilip mexpiy ishlarni qiliwételigenlikidin ichide pexrlinip özini nahayiti küchluk, eqilliq birikenmen, hichkimge bildürmey, qorqmay ajayip ishlarni qiliwettim dep oylap, öz könglini xosh qilidu. Shundaq bolghachqa uzun muddetlik pilan tüzüshke, yiraqni körüshke kallisi ishlimeydu. Qisqa muddetlik taktika we oyun oynashqa intayin amraq kélidu. Eger uzun muddetlik pilan tüzüshke, yiraqni köröshke kallisi ishlise idi, aldirap aldidiki menpe’et üchün sétilmighan bolatti. Adette xa’inlarning köpinchisi rohiy jehettin binormal bolup, normal ademlerge qarighanda nomus qilish, wijdan azabi chékish tuyghuliri ajizraq bolidu, chünki ular özige özi petiwa pichish arqiliq rohini aram tapquzup, künlük hayat üchün exmeqlarche yashaydu. CIA élan qilghan bir dokilatida asan sétilidighan kishilerning binormal xarektirge ige ikenligini otturigha qoyup, ularni towendikidek türlerge bölidu :
1. Bashqilardin paydilinishni we bashqilarni kontrol qilishni yaxshi köridighan binormal xarektirdiki kishiler: chünki bundaq qilghanda ularning xa’inliq xizmiti asanlishidu. Xataliqlirini özgertishni qobul qilalmaydu we nurghun ishlarda özining qiliwatqinini toghra dep asan ishinip kétidighan bolghachqa, xata ishlarni qilghandimu wijdani azaplinip ketmeydu. Chünki ularning höküm qilish iqtidari ajiz bolup yiraqni körelmeydu.
2. Ichi bir xil téshi bir xil binormal xarektirdiki kishiler: ular xuddi yilandek chandurmay bashqilarning tomurigha kireleydighan bolup, yüzi intayin qélin bolghanliqtin, bashqilarni renjitip oyun oynashtin qorqmaydu. Chünki bundaq qilish arqiliq etrapni parchilap, özi terepte turidighanlarni tépip chiqip yénigha toplashni meqset qilidu. Bundaq kishilermu ishpiyon sétiwalghuchilarning shertige toghra kélidighanliqtin, ishpiyon sétiwalghuchilarning sétiwélish nishani bolidu.
3. Narsisi (öz meptun) kishiler: ular özini intayin yuquri ölchiwalidighan bolup, xiyalida özini hemmidin qamlashqan, hemmidin eqilliq, hemmidin ésil, özige yétidighan adem dep tesewwur qilidu we buni ispatlash üchün dawamliq bashqilarning özige ene shundaq yuquri baha bérishige küchlük éhtiyajliq bolidu. Ular öz ré’alliqidin yiraqlap, xam xiyallar ichide yashaydighanlighi üchün özining xiyalidiki mukemmel «men» ni tiklesh üchün herqandaq ishni qilishtin, hetta satqinliq qilishtinmu yanmaydu.
4. Xaraktéri yétilmigen kishler: bu xil binormal xarektirdikilerning xarektéri piship yétilmigen bolup, balilarche mijezi bar kishilerni körsitidu. Ular bashqilar özini qollimighanda, nime üchün qollimighanliqini chüshenmeydu, bashqilarning qollishigha érishelmesliktin, yalghuz qélishtin bek qorqidu we dawamliq birer nersige yölinip yashashni yaxshi köridu. Bundaq öz hayatini allahqa, özining ikki qoli we putigha emes belki sirttin kélidighan birer küchke yölinish arqiliq képillikke alidighan kishilik xarektér ishpiyon terbiyligüchilerning ularni sétiwélishigha asanliq yaritip béridu.
Qorqup ketmeng! Gerche yuqiriqi binormal xarektérlar kishilerning asan sétilip kétishige sewebchi bolidighan asasliq amillar bolsimu lékin bular yéterlik emes. Doklatta déyilishiche nurghun xa’inlarda yuquriqi xarektérlarning hemmisi birla waqtta tépilishimu yaki peqet birsila körülüshimu mumkinken. Lékin bu dégenlik bu xil xarektérdiki kishilerning hemmisi sétilip xa’in bolidu digenlikmu emes bolup, peqet bu yerde yuqiriqidek binormal xarektiri bar kishilerning bire kirizisqa düch kelgende asan sétilish mumkinchiliki barliqi otturigha qoyulidu. Shunga siz mushundaq xaraktiri bar kishilerni körsingizla xa’inmikin dep guman qilip ketsingizmu bolmaydu. Chünki bir birimizge ishenmeslikni keltürüp chiqirishning hajiti yoq. Bu yerde peqet éhtiyat qilish we öz xaraktirimizdiki binormalliq ajizliqini tépip chiqip uni xitayning paydilinip ketmesligi üchün özgertish tewsiye qiliniwatidu.
Uyghurlarning nöwettiki weziyitide xarektirdiki binormalliq intayin éghirlishishqa bashlighan bolup, köpinche uyghurlarda yuqiriqi xarektir binormalliqining hemmisi körülmisimu, az bir qismi bolsimu körülüwatidu. Shundaq bolghan iken, uyghurlarni yaxshi tetqiq qilghan xitay uchun, uyghurlardiki bu xarektér ajizliqi muhim purset boldi. Ular toxtimay dunyaning herqaysi jaylridin nahayiti asanla xa’in sétiwélishi mumkin. Buning üchün xitay adem sélish arqiliq yaki ijtima’iy tor wastiliri arqiliq her bir uyghurning xarektérini tetqiq qilip, ajizliqini tépip chiqishi we buninggha kore sétiwélish üchün herket qilishi mumkin. Del shundaq bolghanliqtin, xitay da’iriliri xarektéri binormal kishilerge eng téz yéqinliship hujum qilidu. Bolupmu biwaste uruq tughqanliri xitayning qolida göröde turiwatqan ( xitay ulardin paydilinish uchun tutqun qilip solimay tutup turiwatqanlarni körsitdu) kishilerning xarektéri ajiz, muqim idologiye, qimmet qarishi we meydani téxi tiklenmigen, siyasiy éngi töwen bolghan ehwal astida, tehdit we yaki pul arqiliq qiltaqqa asan chushishi mumkin. Bolupmu sherqiy turkistanning bögünki teqdirinila körüp ümitsizlen’gen, «tugigen xelqni men satsammu – satmisammu beribir, satsam néme boptu» dep özige teselli béridighan ümitsiz kishiler eng asan sétilishi mumkin. Chünki ular dunya weziyitining özgirip turidighanliqini, xitayning teliyining ongdin kéliwermeydighanliqini, yer sharining dawamliq xitay üchün chörgilimeydighanliqini tesewur qilalmaydu. Yene beziliri allahqa bolghan étiqadini özimu chüshenmeydighan bolup, nimila qilsam allah kechüridighu, ichimde töwe qilip roza tutup, téshimda qandaqla rezillikni qilsam qobul bolidu dep oylap öz étiqadini özi oyunchuq ornida köridu.
Nurghun asan sétilidighan uyghurlarni xarektéri binormal bolghandin tashqiri qimmet qarishi yoq, prinsipi yoq, milletning derdini chushenmeydighan, kallisi intayin addi déyishke toghra kélidu. Chünki bundaqlar ochuq – ashkare sétiliwatidu. Yoshurun sétiliwatqanlar bolsa eqilliq, prinsipi, meydani bar qiyapetke, bu milletke köngül bölgüchi qiyapetke kiriwalghan nechche yüzlük shexsler bolup, ular belkim tughqanliri göröge élinghanliqtin we yaki pulgha bolghan éghir éhtiyaji tüpeylidin sétiliwatqan bolushimu mumkin. Omumen éytqanda uyghurlardin chiqiwatqan xa’inlarning köp sanliqi xitay dölitige, xitaygha sadiqlighidin özliri xalap sétilmaydu. Xitaymu uyghur satqunlarning xitaygha sadiqlighidin emes belki mejburlanghanliqtin we pul üchün sétilghanlighini bilidu we waqti kelse xitaynimu satidu dep ishen’genliktin uyghur xa’inlarni qurban qilsa qiliduki hergizmu qoghdimaydu we paydilinip bolghanda beribir öz qoli bilen yoqutiwétidu. Emma xa’in beribir xa’in. Xa’inlar öz qilmishini meyli qandaq usul yaki ibariler arqiliq aqlap öz könglini tinim tapturushqa tirishsun, ular xa’inliqtin qolini yuyup arimizgha qaytip kelmigüche, ornini toldurghusiz jinayetliri üchün töwe qilip öz milliti üchün xizmet qilmighuche ularning jinayiti hergizmu kechürülmeydu. Dunyada xa’inliqtinmu éghir sherepsiz jinayet yoq, bu xa’inning ewladidin ewladighiche pishanisige yézilidighan menggü yuyulmaydighan qara dagh bolup, xa’inlar köz aldidiki kündilik menpe’et üchün 70pushtighiche ene shu qara tamghini basidu. Belkim xa’inlar bu millet xa’inliqimni bilmisila manga bu qara tamgha nésip bolmaydu dep oylishi mumkin. Emma tarix rehimsiz, qan qisasning soriqi hergiz kömülüp qalmaydu.